جەم بولىدىغان باھار بايرىمى | باش شۇجىنىڭ كۆڭلىگە پۈككىنى

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:


باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئاساسىي قاتلامنى يوقلاش ۋە ھال سوراش ئۈچۈن ئامما ئارىسىغا كەلدى. 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى تيەنجىن شىچىڭ رايونىنىڭ شىنكوۋ بازىرى دىليۇبۇ كەنتىگە كېلىپ، نەق مەيداندا بۇلتۇر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى.

«مەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم.» 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىمالدا قىش كىرگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس بېيجىڭ، خېبېي ئىككى جايغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

«ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق بىر ـ بىرلەپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ، پۇقرالارنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك!»

قەلب نېمىگە ئىنتىلسە، ئەمەلىي ھەرىكەت شۇنىڭغا مايىللىشىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى گۇاڭدۇڭ شۈۋېنگاڭدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ شىمالىي قۇتۇبىدىكى خېيلۇڭجياڭ موخېدەرياسىغىچە، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىن غەربىي قىسىمدىكى چېگرا رايونغىچە، مەيلى قەيەرگە بارسۇن، باش شۇجى ھەمىشە پۇقرالارنىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سورىدى، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدى، مەسىلىلەرنى تەكشۈردى، تەدبىر ئىزدىدى... بۇ جەرياندا، خەلقنىڭ غەم-ئەندىشىسى، ھال-ئەھۋالىنى باش شۇجى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى ھەمدە ئۇنىڭغا رىشتە باغلىدى.

«پۇقرالارنىڭ ئىشى ئەڭ مۇھىم ئىش» «بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»... بۇ سەمىمىي سۆزلەرگە ھەر قېتىم ئاممىنى يوقلىغاندىكى ئىللىق تەپسىلاتلارنى قوشۇلۇپ، ھەممىسىدە باش شۇجىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ___ ھەممىدە خەلقنى مەركەز قىلىش.

نازارەتچى: گېڭ جىمىن

فىلىم ئىشلىگۈچىلەر: دۇ شياۋدۇڭ، ۋۇ شۈەن

سىنارىست ۋە رېژىسسور: جاڭ ۋېيخاۋ

مۇخبىر: ياڭ خەيلىڭ

مونتاژ: جاڭ ۋېيخاۋ

ئوپېراتورلار: ئەن دۇڭجيې، خې شىۋۇ

ئاۋاز بەرگۈچى: ۋاڭ شۈەيتيەن

بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: ليۇ چيەن

ياردەملىشىپ فىلىمگە تارتقۇچى: باش ئىستانسا خېبېي باش پونكىتى، خېبېي گېزىتى

فىلىم ئىشلىگۈچىلەر: ياڭ بو، ليۇ شياۋ، ماۋ خۇي

تەرجىمە قىلغۇچى:ياقۇپجان تۇرسۇن

ئىشلىگۈچى: گۈلبوستان غۇلام

بېكىتكۈچى: ئىمىنجان داۋۇت

ئاۋاز بەرگۈچى: ئابلەتجان روزى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەندى