تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قوغداپ، قۇتۇپتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قوغداپ، قۇتۇپتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

تەبرىك خەت

جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى پەيتىدە، مەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

بۇ يىل جۇڭگونىڭ قۇتۇپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇتۇپ ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇتۇپ خىزمەتچىلىرى قەھرىتان سوغۇقتا باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، جان تىكىپ تۆھپە قوشۇپ، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپالىق ئىشلەپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ـ پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ تەبىئەت سىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەڭ قۇتۇپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قوغداپ، قۇتۇپتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن كەڭ قۇتۇپ خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن ۋە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى قۇرۇلدى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ قۇتۇپ خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ قۇتۇپ تەكشۈرۈشىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇتۇپ ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇتۇپ خىزمەتچىلىرى قەھرىتان سوغۇقتا باتۇرلارچە كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، جان تىكىپ تۆھپە قوشۇپ، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپالىق ئىشلەپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ـ پەن خىزمەتچىلىرىنىڭ تەبىئەت سىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلىم ـ پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ كەڭ قۇتۇپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى ھالدا قۇتۇپنى تونۇپ، قۇتۇپنى قوغداپ، قۇتۇپتىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پائالىيىتى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، جەنۇبىي قۇتۇپ سەددىچىن سېپىلى پونكىتى، جەنۇبىي قۇتۇپ جۇڭشەن پونكىتى، جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتى، شىمالىي قۇتۇپ خۇاڭخې دەرياسى پونكىتى، «شۆلۇڭ» ناملىق پاراخوت، «شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوتتا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ بېيجىڭدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى، يېڭى پونكىتقا نام بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە دۆلىتىمىز قۇتۇپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئىشلەپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇتۇپنى تەكشۈرۈشتىكى 40 يىللىق قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېسىل ئىستىلنى تاۋلاپ، قۇتۇپ خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، قۇتۇپ ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپ چىنلىڭ پونكىتى روس دېڭىزىدىكى ئىنكسباۋ ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى 5 ـ تەكشۈرۈش پونكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.