شى جىنپىڭ نامىبىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نانگولو مۇبېمباغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ نامىبىيەنىڭ زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نامىبىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قوللاپ كەلدى. مەن جۇڭگو ـ نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇبېمبا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايمەن.