شى جىنپىڭ چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پىنېرانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年02月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىلىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پىنېرانىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچقا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، پىنېرانىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چىلى خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پىنېرا ئەپەندى چىلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو ـ چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشقان. ئۇ ۋاپات بولۇپ، جۇڭگو خەلقى بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەن جۇڭگو ـ چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بورىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.