شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年01月11日
来源:天山网
【字体:

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇئىززۇ ۋە رەپىقىسى ساجىدە ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرجۇ چاۋ) 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې ئەنئەنىۋى دوستلار، يېقىن قوشنىلار، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولى ئارقىلىق دوستانە ئالاقە ئورناتقان. جۇڭگو بىلەن مالدىۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 52 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش جەھەتتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي پۇرسەتكە يۈزلەندى. جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو - مالدىۋې تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، مالدىۋې تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، مالدىۋې تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - مالدىۋې دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودىغا مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى، كۆك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالدىۋېدىكى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆزقاراش ۋە مەيدانغا ئىگە. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، بىرلىكتە تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ بىخەتەر بولۇش، تېخىمۇ گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇبەي يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مۇئىززۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەن كۆپلىگەن مۇھىم ئىچكى كابىنېت مىنىستىرىنى باشلاپ جۇڭگودا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن، بۇ يىل جۇڭگو تەرەپ كۈتۈۋالغان تۇنجى چەت ئەل دۆلەت باشلىقى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدىم، بۇ، بىز ئىككى تەرەپنىڭ مالدىۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. مالدىۋې تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي ئۆزئارا قوللىشى مالدىۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ياخشى تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۇختا ئاساسى. بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالدىۋېدا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ مالدىۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىنتايىن كۆپ قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، مالدىۋې - جۇڭگو ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش مالدىۋې خەلقىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، مالدىۋې - جۇڭگو دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىككى دۆلەت خەلقلىرى دوستلۇقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. مەن بۇ قېتىم فۇجيەندە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. مالدىۋې تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى كۆپەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مالدىۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان پائال تەدبىرلىرىنى قارشى ئالىمىز، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ مالدىۋېغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مالدىۋې تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - مالدىۋې ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەرىكەت پىلانى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئاپەت زىيىنىنى تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تېخنىكا، كۆك ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇئىززۇ ۋە رەپىقىسى ساجىدە ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن مالدىۋې ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. مۇئىززۇ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا مۇئىززۇ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مۇئىززۇ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن مالدىۋې جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىدۇ.