شى جىنپىڭ بېلگىيە باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年01月13日
来源:天山网
【字体:

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېلگىيە باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېلگىيە باش ۋەزىرى دىكرو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن بېلگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن بېلگىيە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىدىن نەپ ئالغۇچىلار بولۇپ، قورۇقچىلىقنى توسۇش، ئەركىن سودىنى قوغداش جەھەتتە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە كۆپ قېتىم ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ قارشى تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بېلگىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئۇلارنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، شۇنداقلا بېلگىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، بىيودورا ياساش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىكتىكى ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، قوش يۆنىلىشلىك ساياھەت ۋە ئۆزئارا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مۈشۈكئېيىقنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - بېلگىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، يېڭى مەنزىل ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېلگىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ، ياۋروپانى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ياۋروپانىڭ كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيادىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاكتىپ ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ «كۆۋرۈك» سېلىش زۆرۈر. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دىكرو مۇنداق بىلدۈردى: بېلگىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. بېلگىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. بېلگىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بېلگىيە تەرەپ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېلگىيەگە بېرىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ بېلگىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە بىرۇگېستا قالتىس نۇتۇق سۆزلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «كۆۋرۈك»كە ئالاقىدار جانلىق بايانلار كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھازىرقى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيا جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمراھلاردىن بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ مۇقىم دۇنيا بەرپا قىلىش قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە موھتاج. بېلگىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىمنىڭ بېلگىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.