چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدىكى يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2023年12月02日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدىكى يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شاڭخەيدە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، كەسىپ رىقابەت كۈچى، تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى چىڭ كۆزلەپ، يەرشارىۋى نەزەر - دائىرە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باشلامچىلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش بىلەن ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتتىق ماتېرىياللارنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن مېخانىزمنى ماسلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داۋامىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئالدىدا مېڭىش - يول ئىزدەش، يېتەكلەش - ئۈلگە كۆرسىتىش، تەسىر كۆرسىتىش - تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە مەخسۇس بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شىن چاڭشىڭ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، يىرىك پىلان، سىياسەت سىستېمىسى شەكىللەندى ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، كۈچلۈك، جانلىق بولغان ئېشىش قۇتۇپى فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، يۈكسەلدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق قوغداش، بىرلىشىپ تۈزەش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى سىجىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا رىقابەت ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش رولى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلىشقا، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ كېڭەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، پەۋقۇلئاددە چوڭ، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر بار. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر چوڭ ئىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتنى نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا رايون ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىغا تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتكە تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. رايون ھالقىپ، تارماق ھالقىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلىرى ۋە ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، كۈچلۈكلەرنىڭ بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق تەپەككۇر ۋە تەدبىر ئارقىلىق خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە تېخىمۇ ئىگە بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك. جەزمەن تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە رايون ئايرىمىسىنى ۋە مەمۇرىي توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايونلاردا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى ۋە ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرتىپلىك ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى جىپسىلاشتۇرۇش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆلچەم ئوخشاش بولۇشنى تەرتىپلىك، تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈرلۈك قاتناش تورى ئۇل ئەسلىھە ئۆلچىمىنى رايون ھالقىپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى ئېكولوگىيەسىنىڭ يېشىل بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان، يەر، تۈر قۇرۇلۇشىدا رايون ھالقىپ ماسلىشىش ۋە ئورگانىك جىپسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىن رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. رايون ھالقىپ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى ھەقىقىي تۈردە رايون تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى يۇقىرى قاتلاملىق ماس ئېچىۋېتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ۋە كۆپەيتىش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىدىغان كۈچلۈك موتورغا ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنگە ئايلىنىشى كېرەك. شاڭخەينىڭ «بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئەلا سۈپەتلىك جابدۇق، قوللىنىشچان تېخنىكا ۋە ئۆلچەمنى «چىقىرىش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، قوللايدىغان، يېتەكلەيدىغان، سىياسەت - تەدبىرلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق قوغداش، بىرلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيەلىك توسۇق ۋە ئېكولوگىيە كارىدورىنى ئورتاق قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پاسىل ھالقىغان سۇ سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداش، بىرلىشىپ ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش رايونىدا سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. رايون ھالقىغان بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ، بەرپا قىلىپ، ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئارا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى بىخەتەر تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، دۆلەت ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پەن - تېخنىكا، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەر ۋە چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە چىڭ قادىلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ ھەم ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلار بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەرياندا خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. تاشقى ھەمكارلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپ زەنجىرىنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ھالدا چېگرا ھالقىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلاستىكلىق شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئاساسىي يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز رايونلار ماس تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش ئىقتىدارىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچ ئۆلكە، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق كېڭىشىشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى، زور ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى دادىل يول ئېچىشقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق ئىنتىزام، ئەمەلىي ئىستىل، پاك پەزىلەت ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئورۇن بېكىتىپ ۋە ئويلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە پىلانلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادتىكى ئېشىش قۇتۇپى، تەرەققىياتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى، ئىسلاھاتتىكى سىناق ئېتىزىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، بايلىق مۇھىم ئامىلىنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ۋە ئىقتىسادنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تاۋار ۋە بايلىق مۇھىم ئامىللىرىغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خاسلىقنى نامايان قىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۈچ تولۇقلاپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى رايون ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.