ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى جيۇجياڭ شۆبە شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭراۋ شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ چيۇكوۋ بازىرى ۋاڭسۈن شىمېن تەبىئىي كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جياڭشىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى جياڭشىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق يېڭى تەلەپلەرنى كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاساسنى پۇختىلاپ يېڭى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۇننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ جيۇجياڭ، جىڭدېجېن، شاڭراۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ قىرغاق لىنىيەسى، كارخانا، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، يېزا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جيۇجياڭ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چاڭجياڭ دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى جيۇجياڭ شەھەر رايونى بۆلىكىدە، شى جىنپىڭ پىپا راۋىقىغا چىقىپ چاڭجياڭ دەرياسىغا يىراقتىن نەزەر سالدى، يامغۇرغا قارىماي دەريا توسمىسىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ دەريا قىرغىقىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى، سۇ سۈپىتى، سۇ تىرانسپورتى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، شۇ جاينىڭ غۇلاپ چۈشكەن قىرغاقنى تۈزەش، دەريا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، قىرغاق لىنىيەسى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تۈگۈنى. كەلگۈسىدە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى مەيلى قانداق تەرەققىي قىلسۇن، تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يەتسۇن، ھەممىسىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بېقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى جيۇجياڭ شۆبە شىركىتىگە كەلدى. ئۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تىزگىنلەش زالى ۋە تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇش، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش»نى ھەل قىلىش چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا. يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، پۈتۈن جەرياندا بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

تەجرىبىخانا سىرتىدا، كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى چۆرىدىشىپ كېلىپ باش شۇجىدىن بەس ـ بەستە ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: نېفىت خىمىيە كەسپى خەلق ئىگىلىكىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ، سىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئىش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جىڭدېجېن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ تاۋياڭلى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ نەنلۇ خارابىسى، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار مۇزېيى، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇمدانلىقلارغا بېرىپ، ساپالچىلىق ھۈنەر ـ سەنئىتى تەرتىپى، ساپالچىلىق مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ـ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى زور قىزىقىش بىلەن ئىگىلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، پات ـ پات ئۇلارنىڭ قول ماھارىتى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ماختىدى، ئۇلارنى سەنئەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشكە ئەمەل قىلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ باقمىغان، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار جۇڭخۇا گۆھىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نام كارتىسى. تاۋياڭلى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار مەدەنىيىتىنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىجادىي لايىھەلەش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ساپالچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كۈچەيتىپ، «مىڭ يىللىق ساپالچىلىق شەھىرى»دىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چاڭخې ئايروپىلان سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخى ۋە سىناپ ئۇچۇش پونكىتىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم نۇقتا. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەلگۈسى ئېھتىياجغا يۈزلىنىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تىرىشىپ ئىلغار ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى قۇرۇش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان كارخانىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭراۋ شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ چيۇكوۋ بازىرى ۋاڭسۈن شىمېن تەبىئىي كەنتىگە كەلدى. بۇ جاي راۋخېيۈەن دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ مەركىزى رايونى، شۇنداقلا ئېغىر دەرىجىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى بولغان كۆك تاجلىق قوڭۇر تورغاي تەبىئىي مۇھاپىزەت كىچىك رايونى بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ خىل، ئېكولوگىيەسى ياخشى. شى جىنپىڭ سۇلۇق يەر باغچىسى ۋە كۆك تاجلىق قوڭۇر تورغاينى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كەنت مەيدانىدا «كۈزدە ئاپتاپقا سېلىنىۋاتقان» قاتار ـ قاتار قۇرۇتۇش تاختىلىرىغا لىققىدە تولغان قىزىل پۇرچاق، كۆممىقوناق، لازا قاتارلىقلار كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال قىلاتتى. گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇش ئۆگىنىپ رەسىم سىزىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئاساسىي ماھارىتىنى پۇختىلاشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇ جاينىڭ خاس ساياھەت، چاي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى بىلىپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گۈزەل تەبىئىي مۇھىتنىڭ ئۆزى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەلا سۈپەتلىك بايلىق، ئېكولوگىيە قىممىتىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇش، كۈچلۈك قۇرۇشتا. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى يول باشلىغۇچىلاردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك.

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇشى، ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇشى كېرەك، مەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. سىلەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، ئەنئەنىۋى كەنت قىياپىتى بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كۈنلىرىڭلارنى بارغانسېرى خۇشال ـ خۇرام، بارغانسېرى بەختلىك ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جياڭشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشتا، ھەم ئۇلۇغۋار غايە ۋە يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، پائال بەسلىشىپ تەرەققىي قىلىش ھەم مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. ئورۇننى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تىرىشىپ جياڭشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك. قاراتمىلىق ھالدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا بايلىقى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىر كۈچكە ئىگە كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جياڭشى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرغان، تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم ئىستراتېگىيەسى گىرەلەشكەن. ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. پورت ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى مۇھىم تۈگۈن شەھىرى قۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە سودا مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، مەبلەغ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى سودا يولىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى يولنى پائال ئېچىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىش كېرەك. خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ بازار ئىجازىتىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېقىن بولۇش بىلەن پاك بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت ـ سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى چوڭ كەسىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان يېمەكلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئورمان ساغلاملىق كۈتۈنۈشى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتە كەسىپ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يېزا كەسىپلىرى تەرەققىياتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، مۇھىتنى تۈزەش، يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى تۇتۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئاممىنى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە كۈچەپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋە خەير ـ ساخاۋەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ئوبيېكتلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قارىتا ياردەم بېرىش ـ يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 1 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، قوللىنىپ، 2 ـ تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، جىڭگاڭشەن روھى، سوۋېت رايونى روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، پائال يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئەمەلىي بولۇش تەلىپىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ياخشى تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بولغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىي ياخشى بېجىرىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 8 ـ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.