جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول

日期:2023年08月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 16 ـ سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىر دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشتا ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان روشەن ئالاھىدىلىك بار. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ئېنىق يىغىنچاقلاندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلدى. بۇ، ھەم نەزەرىيە جەھەتتىكى يىغىنچاقلاش، شۇنداقلا ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپى بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داغدام يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتكە، روشەن ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭگودىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئومۇميۈزلۈك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قەدەم قويدى، نوپۇس كۆلىمى ھازىرقى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ، زامانىۋىلاشقان دۇنيا تېررىتورىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىدۇ. بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش، شۇنداقلا قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش. بىز مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشتە، ئالدى بىلەن نوپۇس تۈپ سانى مەسىلىسىنى ئويلىشىشىمىز، دۆلىتىمىز شەھەر ـ يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى پەرق چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتنى ئويلىشىشىمىز، ھەم قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز، ھەم كونىلىققا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەرتىپ بىلەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگە. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «تورت»نى ياخشى ياساش، چوڭ ياساش بىلەن بىللە، «تورت»نى يەنىمۇ ياخشى تەقسىملەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ھەم ماددىي باياشاتلىق بولۇش، ھەم مەنىۋى بايلىق بولۇش كېرەك، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يۈكسەك ئىنتىلىش. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىر ـ بىرىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك. بەشىنچى، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى كۆزلەش ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بىز نەچچە ئون يىلدا غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كەڭ مەنزىل ئاچتۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى راۋان ماڭغىلى بولىدىغان، پۇختا ماڭغىلى بولىدىغان يول، شۇنداقلا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول.