«تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2023年07月17日
来源:天山网
【字体:

خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ

«تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان خەلق گېزىتى 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى «تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بەرپا قىلىش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تومۇز مەۋسۇمىدە، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، گۈزەل جۇڭگونىڭ تاغ ـ دەريالىرى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.

يۈننەندىكى ئېرخەي كۆلىدە زۇمرەت كەبى كۆز يەتكۈسىز كۆل سۈيى جىمىرلاپ تۇراتتى، يىراق بولمىغان جايدىكى ساڭشەن تېغى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. سەككىز يىل ئىلگىرى ئېرخەي كۆلى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ساقلاپ قېلىش»نى تاپىلاپ، سەمىمىي ھالدا مۇنداق تاپشۇردى: «چوقۇم ئېرخەي كۆلىنى ياخشى قوغداش كېرەك، <ساڭشەن تېغى سىياھ بىلەن سىزىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان گۈزەل يۆگىمە رەسىمدەك ساقلىنىپ كەلدى، ئېرخەي كۆلىدىكى زۇمرەتتەك سۇنىڭ تارىسى بولمىسىمۇ، لېكىن قەدىمدىن ھازىرغىچە گۈزەل كۈي ياڭرىتىپ كەلدى> تەبىئىي گۈزەل مەنزىرە جاھاندا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالسۇن».

ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى سىستېمىلىق تۈزەش، پۈتۈن ۋادا بويىچە قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە ساڭشەن تېغى، ئېرخەي كۆلىنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى.

شەنشى چىنلىڭدا تاغلار ھەيۋەتلىك، سۈزۈك بۇلاق سۈيى زۇمرەتتەك جۇلالىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. ئۈچ يىل ئىلگىرى چىنلىڭنىڭ ئىچكىرىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سالقىن تاغ شامىلىدا يىراققا نەزەر تاشلاپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەرگىزمۇ قانچىلىك مال ـ دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈۋېلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى تارىخ ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر».

تاپشۇرۇق ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، چىنلىڭنىڭ ياخشى «ئېكولوگىيە قوغدىغۇچىسى» بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىنلىڭ تېغىنىڭ شەنشى بۆلىكىدە ئېكولوگىيە ئەھۋالى «ئەلا» «ياخشى» دەرىجىلىك بولۇپ باھالانغان كۆلەم تۇنجى قېتىم %99تىن ئاشتى.

تاغ ـ دەريالارنى توختىماي كېزىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا رىشتە باغلاش. شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىن سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككىچە، شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكىدىن چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەيەرگە بارسا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شۇ يەردە سۆزلەپ كەلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، زور ئەجىر سىڭدۈردى.

2018 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى رەسمىي تىكلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىت بىلەن خەلق تۇرمۇشى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا قاتارلىق مۇناسىۋەتلەرنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدىيە نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئېكولوگىيە مۆجىزىسى ۋە يېشىل تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتتى. چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى سۆزلەر كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش شەرت».

بۈيۈك جۇڭگو زېمىنىدا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئېكولوگىيە ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بەرپا قىلىش داۋامىدا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئىدىيە يول باشلاش − «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»؛ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى − «ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغداش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش»؛ داۋاملىق كۈرەش قىلىش − «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو نەچچە ئون يىل ۋاقىتتا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا ئاران بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا دائىر كۆپلىگەن مەسىلىلەرمۇ يىغىلىپ قالدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدۇق، بىز قانداق تەرەققىياتقا موھتاج، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قانداق مېڭىشىمىز كېرەك؟

جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، «يېشىل جاۋاب قەغىزى»نى مول مەزمۇنلۇق يازدى.

2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىدۇ» دېگەننى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى.

2022 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ماھىيەتلىك تەلەپنىڭ بىرى ئىكەنلىكى چوڭقۇر بايان قىلىندى ھەم «يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، نېمە ئۈچۈن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئايلاندى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر قاتار نېگىزلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.

ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا بەرپا قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى جۇڭگودا، يېشىل تەرەققىيات ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، يېشىل تېررىتورىيە داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، يېشىللىقنىڭ تۆھپىسى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىر «مىڭ چاقىرىملىق تاغ ـ دەريالار مەنزىرىسى»نىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى نامايان بولماقتا.

كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۇلىرى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل بولغان مەنزىرىدىن دۇنيا بىر گۈللەپ ياشناۋاتقان جۇڭگونى كۆردى؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مۇھىم ئۆتكەلنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىش مەنزىرىسى ئىچىدە، دۇنيا بىر جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگونى كۆردى.

يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.