پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14 - سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرما. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى مەقسەت پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر مەقسىتىمىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، ئاپپارات مەسئۇلىيىتى جەھەتتە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش يېڭى ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، مۇھىم ساھەلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن ئەۋەتكەن ئورگىنىنى تەسىس قىلىشتا ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تەقسىملىنىشى بىرقەدەر مۇۋاپىق لايىھەلەندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ تەڭشەش بىز دۇچ كەلگەن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەل قىلىش لايىھەسى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كەم - كوتسىز بولۇشى، شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، قېيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، بولۇپمۇ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى تۈزگۈچى ۋە ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئاساسلىنىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭىنى تۇرغۇزمىغۇچە كونىنى قالدۇرماسلىق، ئاۋۋال يېڭىنى تۇرغۇزۇپ ئاندىن كونىنى قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، مەركەز بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق قىممەتلىك تەجرىبىلەردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى تەشكىللىك، قەدەم - باسقۇچلۇق، ئىنتىزام بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، بىرتۇتاش بولۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، مۇقىم بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان تارماقلار بىرقەدەر كۆپ، چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر چوڭقۇر، شۇڭا پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئادەمگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشقا، مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش ۋە شەخسلەرنى ئۆستۈرۈش، چېكىندۈرۈش، قالدۇرۇش، يۆتكەشكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىسلاھاتنى پائال قوللاپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، قاتتىق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كېرەك. ئاپپاراتلارنى ئۆزگەرتىش، مەسئۇلىيەتنى تەڭشەشكە چېتىلىدىغان تارماقلار ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپپارات، مەسئۇلىيەت، خادىم قاتارلىقلارنى تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا تەڭشەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بەشىنچىدىن، قانۇن ئاساسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق يولىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.