مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى
ئىككى ئورۇن، ئىككى شەخسكە تۆھپە يېزىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى، ئىككى ئورۇن، ئىككى شەخسكە تۆھپە يېزىلدى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قورال - ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مەلۇم ئىشخانىسى، 92730 - قىسىمنىڭ 70 - شۆبە ئەترىتىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.
قۇرۇقلۇق ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شيۇڭۋېي، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى 1 - تېببىي مەركىزى نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ، پىروفېسسور جاڭ جيەننىڭگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى بويىچە 3 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.