«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيەمىزنىڭ تورنى باشقۇرۇش، تورنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى ۋە تور - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. «ئومۇمىي بايان» جەمئىي ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالى ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنى تور كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ تور - ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى ئىزاھلانغان.

بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تور - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا پايدىلىق.