يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇش كېرەك

تەبرىك خەت

تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ

2023 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرى 6 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن شېنجېندا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

ئاساسىي مۇنبەردە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە قەتئىي مەدەنىيەت ئىشەنچى، يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى نامايان قىلىنىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە بۇ قېتىمقى تەبرىك خېتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، مەنىۋى كۈچنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، گۈللىنىش ۋە راۋاجلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيې نىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

تۇنجى نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيلىك بويىچە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان. مەركەزدىكى تەشۋىقات ـ مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى، بىر قىسىم مەدەنىيەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە ئالاقىدار ئاقىللار ئامبىرىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم قاتارلىقلار مۇنبەرگە قاتناشتى.