شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆرگىلى بېرىشنى ئۇنتۇماڭ

日期:2023年06月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى(مۇخبىرشېن زۇشياۋخەۋەر قىلىدۇ) 2023-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆرۈۋېلىشى، ئىمتىھان نۇقتىسىغا بارىدىغان يول، كېتىدىغان ۋاقىت قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىشى، كۆڭلىدە سان بولۇشىكېرەك.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەكتەپ ئۇقتۇرغان ۋاقىتقا ئاساسەن ئىمتىھان نۇقتىسىنى ئالدىن كۆرسە بولىدۇ. ئىمتىھان نۇقتىسىنى كۆرگەندەئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىنقانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى، ئىمتىھان نۇقتىسىغا قانداق ئۇسۇل، قانداق يول بىلەن بارسا ئەڭ بىخەتەر، قولايلىق بولىدىغانلىقىنى، تاق مۇساپىگە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىكېرەك. ئەگەر ئىمتىھان نۇقتىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىن بىر قەدەر يىراق بولسا، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىن ئورۇن ئىزدىشى، ئارام ئالىدىغان ۋە تاماق يەيدىغان جاي بار-يوقلۇقىغا قارىشىكېرەك.

ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئىمتىھاندا ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇش قوراللىرى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، كۈچكە ئىگە ئاھالىلەر كىملىكى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك. ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، 2-ئەۋلاد كىملىك،2Bتىپلىق قېرىنداش، 0.5 مىللىمېتىرلىق قارا رەڭلىك ئىمزا قەلىمى، تۈز سىزغۇچ، سىركۇل، ئۈچ بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ، قاپلىمىسىز ئۆچۈرگۈچ، خەتسىز قىستۇرما تاختا قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئىمتىھان بۇيۇملىرىدىن باشقا ھەرقانداق بۇيۇمنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى ھالقىسى كۆپەيتىلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نۇقتىسىغا بالدۇر بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، كىملىكى قاتارلىقلار بىلەن ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرىپ، ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدىكى قوش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يان تېلېفون، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، تىڭشىغۇچ قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش ۋاقتىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمتىھان كۈنى يان تېلېفون ئېلىپ كىرمەسلىك، مېتال زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەسلىك كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى ئىمتىھان ۋاقتىئورۇنلاشتۇرماجەدۋىلى. ماتېرىيال سۈرەت

6-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەل تىلى پەن تۈرى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى سائەت 14تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ چەكلىنىدۇ، «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكومغا ئۆرلەش» ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي نەزەرىيە پەن تۈرى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى سائەت 15تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ چەكلىنىدۇ. ئىمتىھان باشلىنىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرىپ شۇ قېتىملىق پەن ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇ مەيدان ئىمتىھان ئاخىرلىشىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ مەيداندىن چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ مەيداندىن چىققاندىن كېيىن يەنە مەيدانغا كىرىپ داۋاملىق ئىمتىھان بېرىشكە بولمايدۇ، ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدا تۇرۇشقا ياكى پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇ:نۆۋەتتە، بەزى قانۇنسىز ئاپپاراتلار ۋە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تۈرلۈك «ئىمتىھانغا ياردەم بېرىش» قاتارلىق ناملار بىلەن ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيار بولۇشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى