1684 ئىش ئورنى! 72 دۆلەت كارخانىسى نەق مەيداندا ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىكلەرنى قوبۇل قىلدى شىنجاڭ يەنە بىر قېتىم مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچتى

日期:2023年05月24日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، 72 دۆلەت كارخانىسى نەق مەيداندا ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىكلەرنىقوبۇل قىلدى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) «دۆلەت كارخانىلىرى ئىزچىل مېنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئالدىن تاللىشىم، مەخسۇس مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش قولايلىق ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۆڭلۈمدىكىدەكخىزمەت تاپالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، خۇابېي پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى شەھەر يەر ئاستى بوشلۇق قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان تيەن يەنبو.

بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىدۆلەت كارخانىلىرى ئەتىيازلىق مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىن كېيىنكى ئىككىنچى مەيدان چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق 72 دۆلەت كارخانىسى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرىنى ئىش ئورنى بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن قېزىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى 1684 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، پۇل مۇئامىلە، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

شۇ كۈنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش نەق مەيدانىدا ئادەمناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرغۇچى خادىملىرى بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى، پاراۋانلىق تەمىناتى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئادەمناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى، پاراۋانلىق تەمىناتى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكتە، پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن فوتوسى

«شىركىتىمىز كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بوشلۇق بىلەن تەمىنلەپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ.»شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، تەقسىملەش مەخسۇس خادىمى ۋۇ لىنخاۋ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تەكلىپ قىلدى. 2022-يىلى، شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسېرى ئاشتى. بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، جۇڭتەي گۇرۇھى خىمىيە سانائىتى، ماشىنا-ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردە 12 تۈرلۈك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 100 ئادەمنى تەكلىپ قىلماقچى. بۇ يىل پۈتۈن يىلدا 3458 ئادەمنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلار 1288 ئادەم.

شىنجاڭ يۈشياڭ خۇياڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا مەسئۇل خادىمى لى ياڭلېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە مەشغۇلاتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەھەتتە خادىملارنىسەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يوللىرىبىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىئىش قىلىشى ئۈچۈن سەھنە، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنبوشلۇقھازىرلايدۇ. بۇ قېتىم، بۇ شىركەت 200 ئادەمنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر يەنە شۇ جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شۇ كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى «2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى دۆلەت كارخانىلىرى مەخسۇس مەيدان توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى» مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزدى، 163 دۆلەت كارخانىسى 2043 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئۈچ كارخانا ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىككى مەركەزگە قاراشلىق كارخانىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىغا يېتەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى«بۇلۇتتا تەۋسىيە قىلدى».

​«توردا ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت قوش يول ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يولىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى باھالاش-تەقسىملەش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چۈ لېي مۇنداق بىلدۈردى: «ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىشنى پۈتۈن يىل ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىمۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە دۆلەت كارخانىلىرى تۆھپىسىنىقوشىمىز.»

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى