شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

日期:2023年05月20日
来源:天山网
【字体:

قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى تەكىتلىدى


5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىخۇاڭ جىڭۋېنفوتوسى


5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىشېن خۇڭفوتوسى


5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىدىڭ خەيتاۋفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارچۇ گوچياڭ، ليۇ خۇا، شۈ كې) 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف قاتناشتى. باشلىقلار دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسى ھەمكارلىق يۆنىلىشىگە نەزەر سالدى، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

5 ـ ئايدىكى شىئەن رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بېزىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. باخې دەرياسى ساھىلىدىكى شىئەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ يىغىن بەلگىسى بىلەن بىرلىكتە جۇلالىنىپ تۇراتتى، مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت تارىخ بىلەن كەلگۈسى يۇغۇرۇلغان بىر مەيدان كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋالدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

سائەت 10 ئەتراپىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەش دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شىئەنگە كېلىپ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، پۇرسەت ۋە خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئاچقۇچلۇق تارىخىي پەيتتە، بىز جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈۋاتقان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلدۇق، بۇ مۇقەررەركى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، شىئەن باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇيۇشۇش كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى، ھەرىكەت كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىئەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەرقتىكى باشلىنىش نۇقتىسى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە يىپەك يولىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى، بېيىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تارىخىي تۆھپە قوشتى. بۈگۈن بىزنىڭ شىئەندە جەم بولۇشىمىز مىڭ يىللىق دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش، يېپيېڭى كەلگۈسىنى ئېچىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2013 ـ يىلى، مەن «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن چوڭقۇر ھەمكارلىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېپيېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىردى. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تارىخىي مەنبەگە، كەڭ رېئال ئېھتىياجغا، پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە تولۇپ تاشقان جۇشقۇنلۇقى ۋە كۆتۈرەڭگۈ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە نامايان بولماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى باغلايدىغان تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان.

دۇنيا بىر مۇقىم بولغان ئوتتۇرا ئاسىياغا موھتاج. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى چوقۇم قوغدىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى جەزمەن ھۆرمەتلىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىق، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى جەزمەن قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەك.

دۇنيا بىر گۈللەنگەن ئوتتۇرا ئاسىياغا موھتاج. ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

دۇنيا بىر ئىناق ئوتتۇرا ئاسىياغا موھتاج. ئىتتىپاقلىق، سىغدۇرۇشچانلىق، ئىناقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىناقسىزلىق، قارشىلىشىش پەيدا قىلىش ھوقۇقى يوق، بۇ ئارقىلىق سىياسىي شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىشىگە تېخىمۇ بولمايدۇ.

دۇنيا بىر تۇتاشقان ئوتتۇرا ئاسىياغا موھتاج. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈگۈنىگە ئايلىنىش ئاساسى، شارائىتى ۋە ئىقتىدارى بار، ئۇ، دۇنيانىڭ تاۋار ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى جاكارلىدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان تارىخىي تاللىشىمىز. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشتا، تۆتتە چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك:

بىرىنچى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىق، مىللەتنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى ئېنىق، كۈچلۈك قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئورتاق گەۋدە قۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى جەھەتتە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، نامراتلارنى ئازايتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئورتاق گەۋدە قۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكتە چىڭ تۇرۇش. يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، رايون خەۋپسىزلىكىدىكى قىيىن ئەھۋالنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ توقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدىغان، مەڭگۈ تىنچ ئۆتىدىغان ئورتاق گەۋدە قۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش. يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان، بىر مەقسەتتە بولىدىغان ئورتاق گەۋدە قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى، يېڭى مەنزىل ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن زىچ ماسلىشىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلاش، ياخشى قۇرۇش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

بىرىنچى، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. جۇڭگو تەرەپ كەسىپ ۋە سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش، مائارىپ، سىياسىي پارتىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئىككىنچى، ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپلىگەن سودىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سېلىنما كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ چېگرا پورتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئوتتۇرا ئاسىيا بۇلۇت مەھسۇلاتلىرىنى توپلاش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودا مەركىزى بەرپا قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. جۇڭگو تەرەپ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئەشيا ئوبوروتى تورىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە چەت ئەللەردىكى ئامبىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنىۋېرسال رەقەملىك مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى D لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

بەشىنچى، يېشىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن شورلۇق يەرنى تۈزەش، ئېچىش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرغاق رايون يېزا ئىگىلىكى بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئارال دېڭىزىنىڭ ئېكولوگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادا يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانا، ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات تېخنىكىسى، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، بوشلۇق ئۇچۇر پەن ـ تېخنىكىسى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس تۈر ھەمكارلىق پىلانىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئالتىنچى، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى ئازايتىش مەخسۇس تۈر ھەمكارلىق پىلانىنى تۈزۈپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تېخنىكا ـ ماھارەت ئۆستۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى تەسىس قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنى يەرلىكنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى ۋە ھەقسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يەتتىنچى، مەدەنىيلىك سۆھبىتىنى كۈچەيتىش. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى «مەدەنىيەت يىپەك يولى» پىلانىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ ئەنئەنىۋى تېبابەت مەركىزى قۇرۇپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتى سانى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يىپەك يولى داشۆلەر ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىشىنى قوللاپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ماكانى»نى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت يىلى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويىدۇ.

سەككىزىنچى، رايون تىنچلىقىنى قوغداش. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون خەۋپسىزلىكىنى ئۆز ئالدىغا قوغدىشىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ، تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر ماسلىشىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىش، ئورتاق گۈللىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالايلى!

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن مىڭ يىللىق دوستلۇقى ۋە چوڭقۇر رىشتى بار، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا قوللايدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، جۇڭگونىڭ غەربكە چىقىرىدىغان ياڭگۇەن قوۋۇقىدىكى ئەڭ سەمىمىي قەدىناس دوستى. ھازىر جۇڭگو يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە پەن ـ تېخنىكا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نېگىزلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان دوستانە ھەمكارلىق سىياسىتىنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئالقىشلايدۇ، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى، ھەمدە رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

بەش دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق بىلدۈردى: بىر ـ بىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى قەتئىي قوللايمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز، باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى، شۇنداقلا يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بەردى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكا، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ھەم «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجە تىزىملىكى»نى ماقۇللىدى.

ھەرقايسى تەرەپلەر قازاقىستاننىڭ 2025 ـ يىلى 2 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى كېڭىشىپ بېكىتتى، جۇڭگودا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىشقا قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئالتە تۈپ ئانار دەرىخى تىكتى، بۇ، ھەم جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مىڭ يىللىق دوستلۇق ئالاقىسىگە گۇۋاھ بولدى، ھەم جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان زىچ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا سىمۋول قىلىندى، شۇنداقلا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى ئىپادىلىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.