شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى ھەم جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت − سەنئەت يىلى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىنى بىرلىكتە كۆردى

日期:2023年05月20日
来源:天山网
【字体:


5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى داتاڭ نېلۇپەر باغچىسىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت يىلى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كۆردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى


5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى داتاڭ نېلۇپەر باغچىسىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى. زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت يىلى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كۆردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى زىيۈن راۋىقى ئالدىدا ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، سەي شىنيى) 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى داتاڭ نېلۇپەر باغچىسىدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ياز ئايلىرىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. گۇگۇمدا داتاڭ نېلۇپەر باغچىسىدىكى راۋاق ھەيۋەتلىك بولۇپ، رەڭگارەڭ نۇر چېچىپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى زاپاروۋا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مىرزىيويېۋا ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى زىيۈن راۋىقى ئالدىدا ئەزىز مېھمانلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مېھمان كۈتۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. زىيۈن راۋىقى ئالدىدا، قائىدە - يوسۇن ۋە نەغمە - ناۋا ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، چاققان ۋە كۈچلۈك قەدىمكى دەۋر ئۇسسۇلى، گۈزەل، لەرزان نېلۇپەر گۈلى ئۇسسۇلى قەدىمىي پايتەخت شىئەن خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ئىپادىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىغدۇرۇشچان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە يۈەنگۇڭمېنغا بېرىپ قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەنشى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شەرقتىكى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان 2000 يىلدىن ئارتۇق چوڭقۇر دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولدى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش تارىخىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتۈپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتۈشتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھقا، يەنە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىز بۇ ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىز بولۇپ، دۇنيا ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، ئەتە ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ. بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز.

زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت يىلى ھەم جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئويۇنىنى كۆردى.

ئويۇندا 13 سۇلالىنىڭ قەدىمىي پايتەختىلىك سالاپىتى ۋە يىپەك يولىنىڭ ئورتاقلىقى نامايان قىلىندى، مىڭ چاقىرىملىق چىنلىڭ تېغىنىڭ سۈزۈك سۇلىرى، يېشىل تاغلىرى ھەم خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى. جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن ناخشىچىلار بىرلىكتە باش تېمىلىق ناخشا «گۈزەللەردە ئورتاقلىشىش»نى ئورۇنلاپ، ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى ھەم ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ۋە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.