شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2023年05月01日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى5 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. بىرىنچى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە، ئىرادە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. ئىدىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشى پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. بىزدەك بۇنداق بىر چوڭ پارتىيە، بۇنداق بىر چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ، زىممىمىزگە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە يۈكلەنگەن، پۈتۈن پارتىيەدە جەزمەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدە مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا جان تىكىپ ئىشلەشكە، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈشكە تايىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۈشكۈل بىر جەريان بولۇپ، ھەم دائىم بوشاشماي تۇتۇشقا، ھەم مەركەزلىك كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان ـ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىگىلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى − «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش». بۇ تۆت جۈملە سۆزدە پارتىيەمىزنىڭ تونۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلاش، سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىزچىل تەلىپى نامايان قىلىنغان بولۇپ، زىچ باغلىنىشلىق بولغان، ئۆزئارا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن بىر ئومۇمىي گەۋدە. بۇ ئومۇمىي تەلەپنى بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. كونكرېت ئېيتقاندا تۆۋەندىكى نىشانغا يېتىش كېرەك: بىرىنچى، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ ئۇلنى مۇستەھكەملەش، ئىككىنچى، پەزىلەتنى تاۋلاپ سادىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۈچىنچى، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۆتىنچى، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش، بەشىنچى، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىماي، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش ـ تۈزىتىش قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ياخشى باشلامچى بولۇشى، ئۈلگە كۆرسىتىشى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە نەمۇنىلىك تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ ئىش، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تۆتىنچى، تەشۋىقات، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!