شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا سانلىق مەلۇمات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2023年04月26日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا سانلىق مەلۇمات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات − ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش، كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ قوللىغۇچىسى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسىي تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ۋە ئىستاتىستىكا ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى كۆزىتىش ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى پائال ھەمبەھرىلەيدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى رامكىسىدا خەلقئارا سانلىق مەلۇمات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سانلىق مەلۇماتنى ئىدارە قىلىش» ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، سانلىق مەلۇمات ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق نەپ ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

4 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا سانلىق مەلۇمات مۇنبىرى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى. مۇنبەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ۋە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېما شوئارى «سانلىق مەلۇماتقا قۇچاق ئېچىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى»دىن ئىبارەت.