جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

日期:2023年03月20日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، موسكۋاغا بېرىپ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «رۇسىيە گېزىتى» ۋە رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تور بېكىتىدە «جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - رۇسىيە دوستانە ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىشى جىنپىڭ

زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن پات ئارىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. 10 يىل ئىلگىرى، مەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە مەن زىيارەت قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى. 10 يىلدىن بۇيان، مەن رۇسىيەدە سەككىز قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، ھەر قېتىم خۇشال - خۇرام كېلىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىللە جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق.

جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، ئوخشاشلا دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت. ئىككى دۆلەت مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىش قىلدى.

جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئېنىق تارىخىي لوگىكىغا ۋە كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە. 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭى دەۋرگە چوڭ قەدەم بىلەن كىردى.

− يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇكەممەل بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى ساھەلەر ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم تۈزۈلمە - مېخانىزم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق خىزمەت ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 40 قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ رولنى مەھكەم تۇتتۇم.

− ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۆلچەملىك شەكلىنى بەرپا قىلدى. جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللىدى، ئۆزئارا تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى قوللىدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىيات داۋامىدا بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىپ، مۇستەھكەملىنىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

− ئىككى تەرەپ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇلتۇر جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 190 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 10 يىل ئىلگىرىكىدىن %116 ئاشتى، جۇڭگو ئۇدا 13 يىل رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش كۆلىمى سىجىل ئاشتى، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

− ئىككى تەرەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن «شەرتنامە» مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقى ھەم ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدۇق. ئىككى تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت دەرىجىلىك سەككىز باش تېما يىلى ئۆتكۈزۈپ، دوستانە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە بىر - بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، «ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ» دېگەن سۆزگە يەنە بىر قېتىم گۇۋاھ بولدى.

− ئىككى تەرەپ خەلقئارا سەھنىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. جۇڭگو - رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملار ئىچىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى 70 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى. ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمىزدە، بۈگۈنكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى، جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ئاچقۇچ − دۆلەت بىلەن دۆلەت دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يولنى تاپقانلىقىمىزدا.

مېنىڭ پات ئارىدا رۇسىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىم بىر قېتىملىق دوستلۇق سەپىرى، ھەمكارلىق سەپىرى، تىنچلىق سەپىرى. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى، يېڭى تەدبىرىنى ئورتاق تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىككى تەرەپ بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى پىكىر يولى ئېچىپ، يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىشى كېرەك.

مەبلەغ سېلىش، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سان - سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك. ئىككى تەرەپلىك سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى سودا بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن ھەمكارلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە رايون ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. يەرلىكلەر ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئۆلكە، ئوبلاست، دوست شەھەرلىرىنىڭ نىشانلىق ئالاقىلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى پائال ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يازلىق لاگېر، بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرماقتا. تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت تارىخ ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسى گىرەلىشىپ كەتتى، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرى ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش يولى توسالغۇ بىلەن تولدى ھەم ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتتى. خەلقئارا جەمئىيەت قاتتىق تەشۋىشلىنىپ، كىرىزىسنى تۈگىتىپ ھەمكارلىشىشنىڭ ياخشى چارىسىگە جىددىي تەقەززا بولدى.

2013 - يىلى 3 - ئايدا، مەن موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىش، ئۆزئارا تايىنىش دەرىجىسىنىڭ مىسلىسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى، ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشاپ، بارغانسېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى بېيىتىپ، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدىم.

10 يىلدىن بۇيان، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى كۈنسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى. خەلقئارا جەمئىيەت شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىكى، دۇنيادا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ماس كېلىۋېرىدىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى مەۋجۇت ئەمەس، مەلۇم دۆلەتنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان خەلقئارا تەرتىپ مەۋجۇت ئەمەس. ئىتتىپاق بولغان، بۆلگۈنچىلىك بولمايدىغان، تىنچ بولغان، داۋالغۇش بولمايدىغان دۇنيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلەشتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىشنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈردى. مەن كەينى - كەينىدىن كۆپ تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاش، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىدىكى تۈپ قوللانمىغا ئايلاندى. يېقىندا، جۇڭگو «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى نامايان قىلىپ، كىرىزىسنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ كېتىشىنى تۈگىتىش، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى. مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىي ھەل قىلىش چارىسى يوق. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، باراۋەر، ئىداراكىي، ئەمەلىي سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارلاق يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ.

دۇنيانىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. بۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكلەرگە بىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەمەلىي ئىزدىنىشىمىز مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىزنىڭ خەلقئارا تەجرىبىلەرگە بولغان چوڭقۇر خۇلاسىمىزنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. كەلگۈسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىمىز، بۇنىڭ رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ، قىلماقچى بولغان ئىشلارنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ باشلاش كېرەك. بىزنىڭ ئۈمىد كۈتۈشكە شۇنداق ئاساسىمىز باركى، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدىكى سەپەرداش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت مۇقەررەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.