شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年03月21日
来源:天山网
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەمدىلا موسكۋاغا يېتىپ بارغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارخاۋ ۋېيۋېي، شى خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەمدىلا موسكۋاغا يېتىپ بارغان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، كىرېمىل سارىيىنىڭ سىلىڭى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا كۈتۈۋالدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن شى جىنپىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ تەكلىپى بويىچە يەنە بىر قېتىم رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. 10 يىل ئىلگىرى، مەن دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا رۇسىيەنى تاللىغان، بۇ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. 10 يىلدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم. مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغان ۋاقتىمدا بولسۇن، ياكى يېقىندا يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان ۋاقتىمدا بولسۇن، سىز ھەممىسىدە بىرىنچى ۋاقىتتا ماڭا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتىڭىز، مەن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. رۇسىيە كېلەر يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى تېز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە خەلقى چوقۇم داۋاملىق سىزنى قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كېلىشىدە، ئۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي لوگىكىسى بار. ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە تاشقى سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى. جۇڭگو ئەزەلدىن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش چوڭ يۆنىلىشىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى قوللايدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشى كېرەك.

پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلىدى. پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىگە مەنسۇپ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو مۇقەررەر داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىپ، بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، تىنچلىق ئاۋازى ۋە ئاقىلانە ئاۋاز ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى قوللايدۇ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشقا قارشى تۇرىدۇ. تارىختىن قارىغاندا، توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ ئاخىرىدا سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يېقىندا، جۇڭگو تەرەپ مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆججەتنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىگە قارشى تۇردى، يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىشقا قارشى تۇردى. بىز قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، تىنچلىق ئۈچۈن شۇنچە بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك؛ زىددىيەت قانچە كەسكىن بولغانسېرى، سۆزلىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن شۇنچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، دەپ قارايمىز. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئىزچىل ئادىل، ئوبيېكتىپ، تەڭپۇڭ مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆججەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدى، تىنچلىق سۆھبىتىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئەتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.