دوستلۇق . ھەمكارلىق . تىنچلىق

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

− جۇڭگو - رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خاۋ ۋېيۋېي، ليۇ خۇا

3 - ئايدىكى موسكۋا، سالقىن ھاۋادا باش باھارنىڭ ئىللىقلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلى موسكۋا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى، بوروۋىسكى تېغىدىكى كىرېمىل سارىيىغا كىردى.

ئالتۇن رەڭلىك ئالتە ئاسما چىراغ تەڭ جۇلالىنىپ تۇراتتى، چوڭ كىرېمىل سارىيىنىڭ گىئورگى زالى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدىن بىر - بىرىگە قاراپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا، ئىككى قەدىناس دوست چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەيتى كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەندى.

10 يىل ئىلگىرى، ئوخشاشلا باش باھار مەزگىلى ئىدى، ئوخشاشلا دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى ئىدى. تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتكە كېلىپ، كىرېمىل سارىيىغا كىرىپ، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىرنەچچە سائەت چوڭقۇر سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.

10 يىلدا ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ تۇردى، دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار يۈزبەردى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن يۆنىلىش بەلگىلەپ رول تۇتۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ مۇستەھكەملەنگەن، تېخىمۇ جانلىق ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۆلچەملىك شەكلىنى تىكلەپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بېغىشلىدى.

كونا جاي، قەدىناس دوست؛ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان، يېڭى سەھىپە. 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو - رۇسىيە باشلىقلىرى كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى، ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئاچتى.

بوشاشماي تىرىشىش:

چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئىناق قوشنىدارچىلىق ئۈچۈن

موسكۋا كوچىلىرىدىكى گېزىت بوتكىلىرىدا «رۇسىيە گېزىتى» كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزىلغانىدى. باش بەتكە بېسىلغان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىكى مۇنداق بىر جۈملە سۆز رۇسىيەدىكى ھەرساھە زاتلارنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىنى قوزغىدى: «جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى 70 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى. ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمىزدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، بۈگۈنكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تەستە قولغا كەلگەن، جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلانماقتا، ئۇنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز كېرەك».

تارىخنىڭ يېڭى ۋاقىت بوشلۇقىغا قەدەم قويۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى «يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق»تىن ئىبارەت يېڭى ئورۇنغا قەدەم قويۇپ، چوڭ دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، قوشنىلار ئارا دوستانە ھەمكارلىشىپ بىللە ئۆتىدىغان يولنى ئاچتى.

ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپرەك باردى - كەلدى قىلىش، دائىم ئالاقە قىلىش جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

بۇ 10 يىلدىن بۇيان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 9 - قېتىم رۇسىيە زېمىنىغا قەدەم بېسىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 41 - قېتىم ئۇچرىشىشى.

ئالېكساندىر زالىدا چىراغلار چاقناپ، ئالتۇن رەڭلىك چوڭ ئىشىك ئاستا - ئاستا ئېچىلدى. ئىككى نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى سالام بېرىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن يانمۇيان مېڭىپ كەلدى. كىچىك دائىرىلىك سۆھبەتلىشىشنى ئەمدىلا ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارقىدىنلا چوڭ دائىرىلىك سۆھبەتلىشىشكە ئۆتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن ئاشقاندىن تارتىپ 6دىن ئاشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن «كىچىك دائىرىلىك» قوشۇلغان «چوڭ دائىرىلىك» شەكىلدە، ئۇزاققىچە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى مەيدان پائالىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتتى.

«رۇسىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللەنگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.»

«جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىشەنچلىك، مۇقىملىق خاراكتېرىگە ئىگە.»

«رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.»

«خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.»

...

جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن كېلىشىۋالغاندەك «سەمىمىي» «دوستانە» «مول نەتىجىلىك» دېگەن سۆزلەر بىلەن شۇ كۈندىكى سۆھبەتنى سۈپەتلىدى.

ھەم «كومپاس»، شۇنداقلا «مۇقىملاشتۇرغۇچ». جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلالىشىدا دۆلەت باشلىقلىرى ئالاقىسى ئىنتايىن مۇھىم.

ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگەندە، نۇرغۇن دوستانە كۆرۈنۈشلەر بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

قارا دېڭىز ساھىلىدىكى سوچىنىڭ بوچياروۋدىكى ئېرىق بويىغا جايلاشقان داچىدا، سىم - سىم يامغۇردىكى شيامېن يۈنداڭ بىلىم يۇرتىدا، قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا، ھەيۋەتلىك، تەنتەنىلىك ساينت - پېتېربۇرگتىكى قىشلىق سارايدا، بېيجىڭدىن تيەنجىنگە قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا، نېۋا دەرياسى بويىدىكى ئاۋرورا ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتتا... رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جاھان ئىشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى ۋە خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشتىن ئەمەلىي ھەمكارلىققىچە، ئاندىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشقىچە، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئورتاق پىلانلىدى.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ھەر قېتىملىق ئۇلۇغۋار پىلانلارنىڭ تۈزۈلۈشى كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

قەدىمىي تۈسكە ئىگە، كۆركەم كۇڭچۆشى زالى. 2019 - يىلى باش يازدا، جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بۇ يەردە جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا قوشما بايانات ئىمزالاپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ زور تەرەققىيات يېڭى دەۋرىنى ئورتاق ئاچتى.

يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق مېڭىشى، قەيەرگە بېرىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قوشنىلار ئارا ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما بايانات بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجىسى. ئاق رەڭلىك ئىمزا قويۇش ئۈستىلى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلا ۋاقىتتا قەلەم تەۋرىتىپ ئىمزا قويدى. ھۆججەت ئالماشتۇردى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى نەق مەيداندا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەش:

تەرەققىيات - گۈللىنىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن

تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا، جۇڭگو - رۇسىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالغانىدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 33 مىليارد 686 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 25.9 ئېشىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.

ئىلگىرىكى بىر چاغلاردا، «سىياسىي جەھەتتە قىزغىن بولۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتە سوغۇق بولۇش» دېگەن سۆز جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنى سۈپەتلەشتە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان سۆز ئىدى. 10 يىل ئىلگىرىكى شۇ قېتىملىق زىيارەتتە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: «ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكىنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش»نى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلدى.

10 يىلدا پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، 10 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىككى ئەگرى سىزىقتىن جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ سۈرئىتىنى ھېس قىلىش − جۇڭگو - رۇسىيە سودا سوممىسىغا دائىر ئەگرى سىزىقتا، 2022 - يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 190 مىليارد دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 10 يىل ئىلگىرىكىدىن %116 ئاشتى؛ خەلق پۇلى ئارقىلىق سودىلىشىش مىقدارىغا دائىر ئەگرى سىزىقتا، بۇ يىل 2 - ئايدا، موسكۋا سودا ئورنىدا خەلق پۇلى ئارقىلىق سودىلىشىش مىقدارى 1 تىرىليون 480 مىليارد رۇبلىدىن ئېشىپ، 1 - ئايدىكىدىن ئۈچتىن بىر قىسىم يۇقىرى بولدى، خەلق پۇلى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، بۇ سودا ئورنىدىكى ئايلىق سودىلىشىش مىقدارى ئەڭ كۆپ پۇلغا ئايلاندى.

ئىككى جەھەتتىن جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچەش − بىر جەھەتتىن ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، يەنە بىر جەھەتتىن، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ھەم «تاغ - داۋانلاردىن ھالقىدى» شۇنداقلا «ئاسمانغا چىقتى، يەرگە كىردى»، جۇڭگو - رۇسىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ساھەسى ۋە كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىدىن جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش − جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تىزىلغان رۇسىيە كالا گۆشى، رۇسىيەدىن كىرگۈزۈلگەن بېلىق تۇخۇمى قىيامى، شاكىلات، قەنت - گېزەك قاتارلىق تاۋارلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازار تاپتى، رۇسىيە ئائىلىلىرىگە كىرگەن جۇڭگو ئاپتوموبىللىرى، موسكۋا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان «جۇڭگو ئۇسلۇبى»دىكى مېترو بېكەتلىرى، جۇڭگولۇق شاگىرتلارنى ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاشقا يېتەكلىگەن رۇسىيە تىرېنېرلىرى ... دوستلۇق رىشتى جۇڭگو - رۇسىيەدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنى تۇتاشتۇردى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ يەنە بىر قېتىم كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئېنېرگىيە، بايلىق، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى سودىنى كېڭەيتىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكىچە، يەنە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشقىچە؛ سېلىنما، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مىقدارى ۋە سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىشكىچە ... جۇڭگو - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، قەدىمى تېخىمۇ تېز ۋە پۇختا بولغان يېڭى مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

يېڭى ئارزۇ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان، يېڭى تەدبىر بار بولدى.

2030 - يىلىدىن ئىلگىرى جۇڭگو - رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى نۇقتىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى قوشما بايانات ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئىمزالىغان يەنە بىر مۇھىم ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭدا جۇڭگو - رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ سەككىز نۇقتىلىق يۆنىلىشى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يەنە ھۆكۈمەتلەر ئارا ۋە تارماقلار ئارا ئون نەچچە ھەمكارلىق ھۆججىتى بار بولۇپ، بۇ، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، ئاساسىي پەن تەتقىقاتى، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تاراتقۇ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدۇ، سالمىقى ئوخشاشلا ئېغىر.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى كۆرۈشۈشتە، زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىياتتا غايەت زور ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن دۇنيادىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىنتايىن قىزىقىۋاتىدۇ، «بىز ھەتتا سىلەرگە ھەۋەس قىلىمىز». رەئىس شى جىنپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، تەرىپلىگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ بىز ئۈچۈنمۇ بىر خىل ئىلھام».

بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قاراش، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشنى تاللاش ياكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشقا كۈچ چىقىرىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىنىڭ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە دىپلوماتىيە جاسارىتىنى تېخىمۇ سىنايدۇ.

ئوخشاشلا تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى پارلاق چوڭ دۆلەتلەر، ھەممىسى ئىلگىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تېپىش ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزدەندى، ھەممىسى تەرەققىيات - گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق تارىخىي باسقۇچىدا تۇردى، ھەممىسى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇردى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «تەرەققىيات - گۈللىنىش يولىدىكى سەپەرداش» بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى چىقاردى.

داغدام يولدا يىراققا يۈرۈش قىلىش:

دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن

دوستلۇق، ھەمكارلىق ئۈچۈن كەلدى، شۇنداقلا تىنچلىق، تەرەققىيات ئۈچۈن كەلدى.

«ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتالىقى بويىچە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بەلگىلەپ، باشتىن - ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە، سۆھبەتلىشىش تەرەپتە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇردى.» سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن بىللە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانىنى ئېنىق بايان قىلدى.

ئومۇميۈزلۈك كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇكرائىنا كىرىزىسى دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ رېئال ئىخچام كۆرۈنۈشى. «قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولغانسېرى، تىنچلىق ئۈچۈن شۇنچە بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك؛ زىددىيەت قانچە كەسكىن بولغانسېرى، سۆزلىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن شۇنچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك.» ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت جۇڭگو مەيدانى تەقدىرداش بولغان دۇنيا قاراشتىن ۋە دۇنياغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتتىن كەلگەن.

«ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشاپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق گىرەلەشكەن ئوخشاش بىر ۋاقىت بوشلۇقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بارغانسېرى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلانماقتا.» 10 يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە تۇنجى زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، دۇنياغا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

10 يىلدىن بۇيان، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاساسىي مەقسىتىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دىپلوماتىيەسى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

− بۇ چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو - رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مول ئەمەلىيىتىدە نامايان بولدى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش... بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - رۇسىيە قول تۇتۇشۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، يەرشارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

«ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى» «چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق ۋە ئىجادىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى» − «ئۈلگە» رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئورتاق بېكىتكەن ئورۇن.

«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىغان بولۇپ، دۇنيا ئەندىزىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» «بىز تېخىمۇ ئادىل ۋە دېموكراتىك بولغان كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتىمىز»... رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يەرشارىۋى ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

− بۇ چىڭ تۇرۇش، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدا نامايان بولدى.

يېقىندا، جۇڭگونىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى، خەلقئارا جەمئىيەت «تىنچلىق قۇرغۇچىسى» بولغان جۇڭگونىڭ رولىغا بارغانسېرى دىققەت قىلماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو تەرەپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران بېيجىڭ سۆھبىتىنىڭ تارىخىي نەتىجىگە ئېرىشىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولغانلىقىنى يۈزتۇرا تەبرىكلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇنغا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شەخسىي مەنپەئەت بولماسلىق، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشقا كۈچ چىقىرىش. جۇڭگو لايىھەسى كىشىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا ئالقىش ۋە قوللاشقا ئېرىشتى −

«رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئىشلاردا ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەرىپلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ» دېدى زۇڭتۇڭ پۇتىن.

«بىزنىڭ قارىشىمىزچە، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق لايىھەسىدىكى نۇرغۇن مەزمۇنلار رۇسىيەنىڭ مەيدانى بىلەن بىردەك بولۇپ، تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.» شۇ كۈندىكى سۆھبەتتىن كېيىن، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىرىنچى ۋاقىتتا «پۇتىن: جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنا لايىھەسىنى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

«ئىتتىپاق بولغان، بۆلگۈنچىلىك بولمايدىغان، تىنچ بولغان، داۋالغۇش بولمايدىغان دۇنيا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.» ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جۇڭگو تەشەببۇسى دەۋر قىممىتى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۆزى رەئىس شى جىنپىڭنى ئاپتوموبىلغا چىقىدىغان يەرگىچە ئۇزىتىپ قويدى. «ئامان بولۇڭ!» «ئاق يول بولسۇن!» ئىككى قەدىناس دوست يەنە بىر قېتىم چىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

ئاسمان كۆز يەتكۈسىز بىپايان بولۇپ، مەيىن شامال يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، كىرېمىل سارىيىنىڭ سىرتىدا موسكۋا دەرياسىنىڭ سۈيى جىمجىت ئاقماقتا ئىدى.

(قاتناشقان مۇخبىر: ليۇ كەي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)