​شى جىنپىڭ مالاۋى زۇڭتۇڭى، موزامبىك زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

مالاۋى، موزامبىكنىڭ ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن​

شى جىنپىڭ مالاۋى زۇڭتۇڭى، موزامبىك زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالاۋى، موزامبىكنىڭ ئىسسىق بەلباغ سىكلونى ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا مالاۋى زۇڭتۇڭى چاكۋېرا، موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇكىشىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىسسىق بەلباغ سىكلونى «فرېددى»نىڭ مالاۋى، موزامبىكتا ئېغىر، زور ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. دۆلىتىڭلارنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىپ، يۇرت - ماكانىڭلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.