​«قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرايلى − رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە»

日期:2023年03月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

​«قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرايلى − رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرايلى − رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى يەنە يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى. 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 10 يىل ئىلگىرى، ئوخشاشلا باھار، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، رۇسىيەدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

10 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت كۆپ ئۆزگىرىپ تۇردى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كەڭ خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، كۈچلۈك ئىشەنچ، جاسارەت ۋە كۈچ قوشتى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: دەۋرنى يورۇتىدىغان ھەقىقەت نۇرى − «جۇڭگو لايىھەسى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»؛ قول تۇتۇشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى − «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەتتە»؛ كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جاھاندىكى توغرا يول − «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش − دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىستىقبالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر خىرىسقا تولغان دەۋر، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان دەۋر.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، ئىلگىرىكىدەكلا دۇنيا مەدەنىيلىكى جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرىدۇ!