چەت ئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا - ئارقىدىن تېلېگرامما ۋە خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان، تەخت ۋارىسى قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: سىز يەنە بىر قېتىم سايلىنىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىڭىز باشلانغان پەيتتە، سىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمىز ۋە سىزگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمىز، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشمىز. سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سىرى لانكا زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو قاتمۇقات خىرىسلارنى يېڭىپ، غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى. سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز ئېنىقكى جۇڭگونىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئاچىدۇ. سىرى لانكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دوستلۇقى 1000 يىلدىن ھالقىدى، مەن قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىرى لانكا بىلەن جۇڭگونىڭ زىچ ھەمكارلىقى يەنىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا، قالتىس رەھبەرلىكىدە، تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ داغدام يولىدا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تىلەكداشمەن. نىگېرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سېنېگال زۇڭتۇڭى سال مۇنداق بىلدۈردى: سېنېگال بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن، دوستانە، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سېنېگال بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.

فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، مەن سىز بىلەن دائىملىق سۆھبەتنى داۋاملىق ساقلاپ، فىنلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، سىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭىزغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نىشانىڭىز ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز. مەن سىز بىلەن داۋاملىق كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىنلىشىپ قالدى، جۇڭگو دۇنياغا يەنە بىر دۇنياۋى كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نامايان قىلغۇسى.

رەئىس شى جىنپىڭنى تەبرىكلىگەنلەردىن يەنە: بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاⅡ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، يەمەن زۇڭتۇڭى رەھبەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم، لىۋىيە زۇڭتۇڭ كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەنفىي، ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو، نىگېر زۇڭتۇڭى بازۇم، توگو زۇڭتۇڭى فولېي، لىبېرىيە زۇڭتۇڭى ۋىئا، چېخ زۇڭتۇڭى پاۋېل، بەھرەيىن تەخت ۋارىسى قوشۇمچە باش ۋەزىر سالمان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى قوشۇمچە زۇڭلىسى مۇھەممەد، گىرۇزىيە زۇڭلىسى گارىباشۋىلى، ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى كارساكاۋ، رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مېدۋېدېۋ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ديۇكانوۋ، بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى سوكول، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دېڭ خۇڭسېن بار.