ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

− 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىدا بېرىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ

ۋەكىللەر:

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا خىزمەتتىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

2022 - يىلى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. پارتىيەنىڭ 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك چاقىرىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. بوران - چاپقۇنلۇق خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى، تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىنى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتتە مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا تولىمۇ تەستە قولغا كېلىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يۇقۇم قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزلىمىدىن ھالقىغان قاتمۇقات ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەلالاشتۇردۇق ۋە تەڭشىدۇق. ئىقتىساد يېڭىدىن چېكىنىپ كېتىش بېسىمى ئالدىدا، كەسكىن تاقابىل تۇرۇپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ - تىزگىنلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى زاپاس سىياسەت قورالىنى ئىشقا سېلىپ، بەلگىلەنگەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولغا قويۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش جەھەتتىكى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ سىياسەت يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشىغا، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەرنىڭ يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تۇراقلىشىپ قايتا يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %3 ئاشتى، شەھەر - بازارلاردا 12 مىليون 60 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يىل ئاخىرىدىكى شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5كە چۈشتى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى %2 ئۆرلىدى. مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %7.7 ئاشتى. مالىيە قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.8 ئىچىدە تىزگىنلەندى، مەركەز مالىيەسىنىڭ كىرىم - چىقىمى خامچوتقا ئۇيغۇن كەلدى، چىقىمدا بىرئاز ئېشىنچا قالدى. خەلقئارا كىرىم - چىقىمدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاندى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق پۇللار ئىچىدە نىسبەتەن مۇقىم تۇردى. ئاشلىق ھوسۇلى 1 تىرىليون 370 مىليارد جىڭغا يېتىپ، 7 مىليارد 400 مىليون جىڭ ئاشتى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. بىز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان مۇھىتتا پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنداپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدۇق.

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىيىنچىلىقى ئېغىرلىشىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. يۇقۇم قاتارلىق ئامىللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، بىرمۇنچە كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىققا يولۇقتى. پۈتۈن بىر يىلدا قوشۇلما قىممەت بېجىدىن توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باج سوممىسىدىن قايتۇرۇلغان پۇل 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، يېڭىدىن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، تاپشۇرۇش كېچىكتۈرۈلگەن باج ۋە ھەق 750 مىليارد يۈەندىن كۆپ بولدى. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك مەدەت بېرىش ئۈچۈن، مەركەز جايلارغا قاراتقان يۆتكىمە چىقىمنى زور ھەجىمدە كۆپەيتتى. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىناۋەتلىك قەرز سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق، كارخانىلارغا يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى ئىستاتىستىكا يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى، ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە يېمەك - ئىچمەك، ساياھەتچىلىك، يۈك تىرانسپورتى قاتارلىقلارغا قارىتا قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى باسقۇچلۇق كېچىكىپ قايتۇرۇشنى يولغا قويدۇق، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بېرىلگەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئاساسىدىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى باسقۇچلۇق كېمەيتتۇق. ئىسلاھ قىلىش چارىسى ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق. سانى كۆپ، دائىرىسى كەڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندى.

ئۈنۈملۈك ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىقتەك گەۋدىلىك زىددىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇردۇق. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئىستېمال بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىدى، سېلىنمىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. بىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى بىر قىسىم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى تارقىتىش، ئىشلىتىشنى تېزلەتتۇق. مەخسۇس قەرز قالدۇق نورمىسىنى قانۇن بويىچە جانلاندۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى سۈپىتىدە 740 مىليارد يۈەننى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ تارقىتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى كاپىتال مەبلىغى بىلەن تولۇقلىدۇق. مەخسۇس قايتا قەرز بېرىش، مالىيەدىن ئۆسۈمنى تولۇقلاپ بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئۈسكۈنە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئىشىنى قوللىدۇق. بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش، يەرلىك ئورۇنلار ۋەدە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى %9.4، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى %9.1 ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %5.1 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئازىيىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلىدى. ئىستېمالنىڭ يېڭى ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈردۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى %93.4 ئاشتى، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئاساسەن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدۇق. پۇل مۇئامىلىگە مەدەت بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۇرالغۇغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك ئېھتىياجنى قوللىدۇق، تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان تۇرالغۇ بىنالىرىغا دائىر خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خام ماتېرىيال، ئىشچى ئىشلىتىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق، پورتلارنىڭ يىغىش، تارقىتىش، توشۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردۇق ۋە ئۇنى ھەل قىلدۇق، مال ئىمپورت - ئېكسپورتى كۆزلىمىدىكىدىن ياخشى بولدى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ مۇقىم ئاشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى گەۋدىلەنگەن ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىشكە سىياسەت جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى كۈچەيتتۇق. بۇلتۇر شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى بىر مەھەل كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ كەتكەنىدى. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كەسىپ ۋە كارخانىلارغا قارىتا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى ئاشۇردۇق. كېپىللىك قەرز بېرىش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلىدۇق، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلارغا مەخسۇس يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش چارىسىنى كېڭەيتتۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئىچىدە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆلىمى 32 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا كۆپىيىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ساقلاندى.

دۇنياۋى پۇل پاخاللىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى كەلتۈرگەن تەسىرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىدۇق. بۇلتۇر دۇنيا بويىچە پۇل پاخاللىقى 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ باھا مۇقىملىقى بىرقەدەر زور بېسىمغا دۇچ كەلدى. بىز كەلكۈن - ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەزگىلىنى قولدىن بەرمەي، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ۋە ھوسۇل يىغىشنى چىڭ تۇتتۇق. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەرتىپلىك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى قوشۇمچە ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. كۆمۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئېنېرگىيە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، توك چىقىرىش ۋە پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. دۇنيا بويىچە پۇل قاتتىق پاخاللاشقان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىزدە مال باھاسى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاندى، بۇ ھەرگىزمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس.

بىر قىسىم ئاممىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقى كۆپىيىپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق. تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسەتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى باسقۇچلۇق كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، جەمئىي 10 مىليوندىن ئارتۇق ئىشسىزنى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. تېخىمۇ كۆپلىگەن تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا باھا تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىپ، تەخمىنەن 67 مىليون كىشىنى مەنپەئەتلەندۈردۇق. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2022 - يىلىدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلدۇق ھەمدە بۇ پۇلنىڭ دىرىنى كېچىكىپ قايتۇرۇشقا رۇخسەت قىلدۇق. يۇقۇم، ئاپەت سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىغا ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا تەستىقلانغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتتۇق. جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ھازىر ئىستېمال ئېھتىياجى، بازار ئوبوروتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسى قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تۇراقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى غايەت زور زاپاس كۈچ ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولدى.

ۋەكىللەر!

ئۆتكەن بەش يىل تولىمۇ ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولۇش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى چېكىنىپ كېتىش قاتارلىق قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدۇق. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

− ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كۆپىيىپ 121 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.2 ئېشىپ، 10 يىلدا 70 تىرىليون يۈەنگە يېقىن كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئېشىپ، يۇقىرى ئاساس سان ئاساسىدا ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم تاشلاندى. مالىيە كىرىمى كۆپىيىپ 20 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى. ئاشلىق ھوسۇلى يىلمۇيىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىم ساقلاندى. سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 40 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى. شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە مۇقىم ساقلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى غەلىبىلىك ئورۇندالدى. سەككىز يىل سىجىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، 100 مىليونغا يېقىن نامرات يېزا ئاھالىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مەملىكەت بويىچە 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسىدە نامراتلىق قالپىقى ئېلىپ تاشلاندى، 9 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە باشقا جايغا كۆچۈرۈلۈپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

− پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلارنى قايتا تەشكىللەش ئىشى تۈركۈم بويىچە ئالغا سىلجىتىلدى. بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلار بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي شارىنى چارلاش، مارسنى چارلاش، چوڭقۇر دېڭىز، چوڭقۇر يەر قاتلىمىنى تەكشۈرۈش، سۇپېر كومپيۇتېر، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، كىۋانتلىق ئۇچۇر، يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى، چوڭ ئايروپىلان ياساش، سۈنئىي ئەقىل، بىيو تېببىي دورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىشقا خىراجەت ئىشلىتىش سىجىللىقى %2.1تىن ئېشىپ %2.5تىن كۆپرەككە يەتتى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ %60تىن ئاشتى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

− ئىقتىسادىي قۇرۇلما يەنىمۇ سەرخىللاشتى. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %10.6 ۋە %7.9 ئاشتى، رەقەملىك ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز زورايدى، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %17تىن ئاشتى. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلۇق زور ئىستراتېگىيەلەر چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ شەھەر - بازار نوپۇسىغا كىرىش نىسبىتى %60.2تىن ئېشىپ %65.2كە يەتتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى تېز يېتىلدى.

− ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ باشلاش، سۇ يۆتكەش قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ سۇ قۇرۇلۇشلىرىدا ئىش باشلاندى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ تىرانسپورت مۇساپىسى 25 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ 42 مىڭ كىلومېتىرغا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 136 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ 177 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى. 1 مىليون 250 مىڭ كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى. ئايرودۇرۇملارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن سىغىمى 400 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. توك چىقىرىش گېنېراتورى سىغىمى %40تىن كۆپرەك ئاشتى. ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 1000 مېگابايتلىق ئوپتىك تور بىلەن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى.

− ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر يولغا قويۇلدى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تىجارەت - سودا مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP)نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى پۈتتۈرۈلدى. مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.6 ئېشىپ، 40 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتتى ھەم ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، جەلپ قىلىنغان تاشقى مەبلەغ ۋە چەت ئەللەرگە سېلىنغان مەبلەغ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى.

− ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %8.1 تۆۋەنلىدى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارى %14.1 ئازلىدى. ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردە ئۇششاق دانچە (PM2.5)نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %27.5 تۆۋەنلىدى، ھاۋا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىدىغان كۈن سانى بەش ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئازايدى، مەملىكەت بويىچە يەر يۈزىدىكى سۈپەتلىك سۇنىڭ نىسبىتى %67.9تىن ئۆرلەپ %87.9كە يەتتى. تۇنجى تۈركۈم دۆلەت باغچىسىدىن بەشى تەسىس قىلىندى، 9000دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تەبىئىي قوغدىلىدىغان جاي قۇرۇلدى. گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەملەر تاشلاندى.

− خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىساد ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە ئاشتى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.1 ئاشتى. ئاھالە ئىستېمال باھاسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.1 ئۆرلىدى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەربىيە ئېلىش يىل سانى 13.5 يىلدىن ئۇزىراپ 14 يىلغا يەتتى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلاردىن 140 مىليونى كۆپىيىپ، 1 مىليارد 50 مىليون كىشىنى قاپلىدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى. كۆپ يىللاردىن بۇيان كەپە ئۆي رايونىدا جەمئىي 42 مىليون يۈرۈشتىن كۆپرەك تۇرالغۇ ئۆي ئۆزگەرتىلدى، 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشى كەپە ئۆيدىن قۇتۇلۇپ بىنا ئۆيگە كىرىپ، خاتىرجەم ماكانلاشتى.

بىز كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئاددىي - تېجەشلىك، بىخەتەر، سەرخىل بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئاممىۋى قار - مۇز ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى، دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يۈزبەرگەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە، ھاياتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش بايلىقى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى بىمارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ ئەلالاشتۇردى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئېگىلمەي - سۇنماي مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. تولىمۇ پەۋقۇلئاددە بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدە، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يەڭدى، كەڭ تېببىي خادىملار جاپادىن قورقمىدى، بولۇپمۇ يۈز مىليونلىغان خەلق قاتمۇقات قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئەجىر سىڭدۈردى ۋە تۆھپە قوشتى، بۇ تولىمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس، كۆپچىلىك يۇقۇمنىڭ زور خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخى ئاخىرلاشمىغان يۇقۇم ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىمەكتە.

ۋەكىللەر!

بەش يىلدىن بۇيان، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق.

(1) ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلىدۇق. سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش قاتارلىق ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن كەسكىن خىرىس ئالدىدا، بىز ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتۇق، سېلىنمىغا زىيادە تايىنىۋالمىدۇق، مالىيە - پۇل سىياسىتى قاتارلىق سىياسەتلەردىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، قاراتمىلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇردۇق، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. يىللىق ئاساسىي كۆزلىمە نىشاننى جانلىق بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەپ، دائىرىلىك تەڭشەش - تىزگىنلەش، نىشانلىق تەڭشەش - تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھەم كەسكىن تۈردە سالماقنى زورايتتۇق، ھەم «باستۇرۇپ سۇغۇرۇش»، كەلگۈسىنى ھالسىرىتىپ قويۇش يولىنى تۇتماي، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا، ئاشلىق - ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە، كەسىپ زەنجىرى - تەمىنات زەنجىرى مۇقىملىقىغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش چارىسى ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. قىزىل رەقەم كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بەش يىلدا ئومۇمىي قىزىل رەقەم نىسبىتىنى %3 ئىچىدە، ھۆكۈمەت قەرز نىسبىتىنى %50 ئەتراپىدا تىزگىنلىدۇق. چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇردۇق، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن باسقۇچلۇق تەدبىرنى بىرلەشتۈردۇق، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتۇق، بۇ تەدبىرلەر يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ھالقىلىق تەدبىر بولۇپ قالدى. تاپاۋەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تەلتۆكۈس ئورۇنداپ، تاپاۋەت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، قوشۇلما قىممەت باج كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى ئەڭ يۇقىرى، كەسىپلەرگە چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان باج نىسبىتى %17تىن %13كە چۈشۈرۈلدى. كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكى ئايلىق سېتىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگە باسقۇچلۇق ھالدا ئۆستۈرۈلدى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدىكى ئەمەلىي ئەڭ تۆۋەن باج سېلىقى نىسبىتى %10تىن %2.5كە چۈشۈرۈلدى. باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ئادىل، ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان، بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندۈرىدىغان تەدبىر بولۇپ، بەش يىلدا جەمئىي كېمەيتىلگەن باج 5 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 2 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇشىغا، شۇنىڭدەك ياخشى شارائىت يارىتىپ، باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى تەگدى. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن باجغا چېتىشلىق 11 مىليوندىن ئارتۇق كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچى قاتارلىقلار يېڭىدىن كۆپەيدى. ھەرقايسى يىللاردىكى مەركەز مالىيە كىرىمى خامچوتى ئوڭۇشلۇق ئورۇندالدى. توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدىغان باجنى قايتۇرۇش ئامىلىنى ئويلاشقاندا، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 10 يىلدا بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. مالىيە كۈچىنىڭ تۆۋەنگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا يەرلىككە يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى %70 ئەتراپىغا كۆتۈردۇق. مەركەز مالىيەسى مەبلىغىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى ئورناتتۇق ۋە دائىملاشتۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلىدى، مەركەزگە قاراشلىق تارماقلار باشلامچىلىق بىلەن چىقىمنى قىسقارتتى، ساقلانما مەبلەغ ۋە بىكار تۇرۇپ قالغان مۈلۈك جانلاندۇرۇلۇپ، بۇنىڭدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ تۈرلۈك ئامال - چارىلەر بىلەن كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش - خەلقنى بېيىتىشقا يۈزلەندۈرۈلدى. مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى.

پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. سىياسەت سالمىقىنى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ جانلىق ئىگىلەپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، تەييارلىق فوند نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، قايتا قەرز بېرىش قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئۈنۈملۈك مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى يېنىكلەتتۇق. ياسىمىچىلىققا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇقى 16 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 27 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى. كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھېسابىدا تارقىتىلغان قەرز پۇل قالدۇقى 8 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 23 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24 ئاشتى، قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىدى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېساباتتا نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئېلاستىك ئاساستا كۈچىيىپ، ئاساسەن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. دۆلەت سودا بانكىسى ۋە يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلار تارىختا ئۈستىگە ئالغان 1 تىرىليون 448 مىليارد 600 مىليون يۈەن پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەننەرخىنى تولۇق تۈگەتتۇق. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر تۈركۈم چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلدۇق، خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى سىلىق يول بىلەن تۈگەتتۇق، چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ساغلام تەرەققىي قىلىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى مۇقىم يۈرۈشۈپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈز بەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكى ساقلاپ قېلىندى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت سىياسەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتتۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىدىكى ھالقىلىق كۆرسەتكۈچ قىلدۇق. بازارلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىدارە ھەق تاپشۇرۇش سالمىقىنى %20تىن %16كە چۈشۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلىدۇق، زاپاس كۆلىمى 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قايتۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويدۇق. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئۇدا سەككىز نۆۋەت مەملىكەت بويىچە ئىگىلىك تىكلەش - يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭغا قاتناشقانلار 520 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئىلھام بەردۇق، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىقلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىدۇق. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى قاتارلىق مەبلەغلەر ئارقىلىق ماھارەت تەربىيەسىگە مەدەت بەردۇق. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى يولغا قويدۇق، جەمئىي 4 مىليون 130 مىڭ ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىندى، 83 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى. ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى ۋە بايلىق مەنبەسى. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭغا غايەت زور ئىجادكارلىق يوشۇرۇنغان.

مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. زەربىگە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا قىزىل رەقەم كۆلىمىنى زور ھەجىمدە سىجىل چوڭايتىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق، پۇلنى زىيادە تارقىتىش يولىنىمۇ تۇتمىدۇق، شۇ ئارقىلىق، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ماكرو شارائىت ياراتتۇق. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راسا چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە زاپاسنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە تىرىك چوشقا، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ مۇقىم تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدۇق، كۆمۈر - ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىناتى جىددىي بولۇش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نورمال باھا تەرتىپىنى قوغدىدۇق. 10 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئاھالە ئىستېمال باھاسى ئۆرلەش ھەجىمىنىڭ %2 ئەتراپىدا بولۇشتەك بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە مۇقىم تۇرۇشى قارىماققا بەك ئاساندەك قىلغىنى بىلەن، تولىمۇ قىيىن ئىش، بۇنىڭ بىلەن ھەم بازار ئىگىلىكى تەرتىپى قوغدىلىپ، ماكرو سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى بوشلۇق بىلەن تەمىن ئېتىلدى، ھەم ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشقا پايدا يەتكۈزۈلدى.

(2) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كېڭەيتتۇق. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىسى يېزىلاردا، بولۇپمۇ نامرات رايونلاردا. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، دىققەتنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىپ، سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلەغ سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغان ناھىيە ۋە كەنتلەردە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويدۇق. كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە، مائارىپ، ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىشلارغا يار - يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى يۆلەشنى كۈچەيتتۇق، «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئامما يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتىمۇ كاپالەتلەندۈرۈلدى. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئاساسلىق يار - يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «تۆتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەرىكەتچان كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقۇم، ئاپەت قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان 160 ناھىيەنى بېكىتىپ ۋە مەركەزلىك قوللاپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار ئارا ھەمكارلىشىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نۇقتا بەلگىلەپ يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق مېخانىزملاردا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش، مائارىپ ساھەسىدىن «ئۆمەك شەكلىدە تەشكىللەنگەن» يار - يۆلەك بولغۇچى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە پەن - تېخنىكا خاس خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئامما كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

(3) دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى تاماملىدۇق. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى ياراتتۇق. كاتتا قائىدە ئاددىي بولىدۇ، مەمۇرىيەت ئىخچام بولسا يۈرگۈزۈش ئاسان بولىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە تېگىدىغان ئىسلاھاتلارنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتتۇق. مەمۇرىيەتنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، بازار ئىجازىتىنى بوشىتىپ، بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرى تۈزۈم ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن %64 ئازايتىلىپ، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنىڭ ھەممىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان 1000دىن ئارتۇق مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردۇق، مەركىزىي ھۆكۈمەت قاتلىمىدىن تەستىقلايدىغان سېلىنما تۈرىنى %90تىن كۆپرەك ئازايتتۇق، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى 60 تۈردىن 10 تۈرگە ئازايتتۇق، قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتۈن جەريانلىق تەستىقلاشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى 120 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان قىلىپ قىسقارتتۇق. سودا تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كارخانا قۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھازىرقى تۆت خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتتۇق، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنىڭ ئاددىي تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق. ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىش جەريانىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بوش قالىدىغان، ھوقۇق بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ باشقۇرۇشقا سەل قارايدىغان ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالدۇق، يېمەكلىك - دورا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى يولغا قويۇپ، ئادىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇردۇق. مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلدۇق. كاپىتالنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كاپىتالنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تىزگىنلىدۇق ۋە باشقۇردۇق. مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى توپلاشتۇرۇپ بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسپات تۈرلىرىنى ئازايتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، %90تىن ئارتۇق مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ توردا بېجىرگىلى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، نوپۇس ئىسپاتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى يۆتكەپ ئۇلاش قاتارلىق ئامما دائىم بېجىرىدىغان 200 نەچچە تۈرلۈك ئىشنى ئۆلكە ئاتلاپ بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئۆلكە پاسىلىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نىزاملارنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق. ئىسلاھات كىشىلەرنىڭ تىجارەت قىلىشى، كارخانا قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە بوشلۇق يارىتىپ بەردى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا كارخانىلارنىڭ سانى 52 مىليوندىن، يەككە سودا - سانائەتچى 110 مىليوندىن، بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 160 مىليوندىن ئېشىپ، بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇردۇق. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، قايتا تەشكىللىنىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشىگە، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن توسۇقلارنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى سىياسەت جەھەتتىن ئوخشاش قوللاپ، ئەلئارا سېلىنما ئىشەنچىنى ئاشۇردۇق. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇردۇق.

مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتتۇق. خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال بولۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، باج يىغىش - باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ كاپىتالنى تولۇقلاش ۋە خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتتۇق، پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كاپىتال بازىرىغا دائىر ئاساسىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق.

(4) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېقىندىن تايىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تاشقى جەھەتتىكى بېسىم ۋە توسۇشقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتتۇق. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا دائىر بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتۇق. ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق. خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۆلەت ئىلىم - پەن مەركىزىنى جايلاشتۇرۇپ قۇردۇق. ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى قوللاپ، مەملىكەت بويىچە ئۇل تەتقىقات خىراجىتىنى بەش يىلدا بىر ھەسسە كۆپەيتتۇق. پەن تەتقىقات تۈرى ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، تىرىشىپ كەڭ پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى مۇرەككەپ مەمۇرىي ئىشلاردىن خالاس قىلدۇق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ بۇ نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %50، %75تىن %100كە ئۆستۈرۈلدى ھەمدە تەتبىقلىغىلى بولىدىغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگە باسقۇچ خاراكتېرلىك كېڭەيتىلدى، كارخانىلارنىڭ ئۇل تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىشى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىدۇق، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىلىدىغان تۈرلۈك باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ يىللىق ئېتىبار بېرىش كۆلىمى تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان پۇل مۇئامىلە سىياسەت قورالى بەرپا قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇق. كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى كارامىتىنى كۆرسەتتى.

كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇراھال - يۇقىرى دەرىجىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق. ياسىمىچىلىقنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق سالمىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ساقلىدۇق. مۇھىت قوغداش، سۈپەت، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن - نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋەتتۇق. نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى كۈچەيتىش ۋە تولۇقلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق. كەسىپكە قايتا ئاساس سالىدىغان بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى باشلىدۇق. كارخانىلارنىڭ ئەسلىھە يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىگە ئىلھام بېرىپ، تۇراقلىق مۈلۈك ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىش ئېتىبار سىياسىتىنى پۈتكۈل ياسىمىچىلىققىچە كېڭەيتتۇق. سەرخىل جابدۇق، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، فوتو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، فوتو ۋولت، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. رەقەملىق ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. تورنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، ھەققىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «ئالاقە تورى +»نى راۋاجلاندۇردۇق. كۆچمە ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرى 1 مىليارد 450 مىليونغا كۆپەيدى. سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 70 مىڭدىن ئاشتى. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە تۈرتكە بولۇش، ئىستېمال بازىرىنى كېڭەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇردۇق. تەتقىق قىلىپ يارىتىش، لايىھەلەش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، پىرىيوم - كارانتىن، ئىسپات بېرىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئومۇميۈزلۈك سۈپەت باشقۇرۇش ۋە سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق.

(5) ئىچكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يېڭىچە شەھەر - بازارلىشىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى يېتىلدۈردۇق.

ئىستېمال ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ ئاشۇردۇق. يۇقۇم يۈزبېرىشتىن ئىلگىرى، ئىستېمال دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچ بولۇپ قالغانىدى. ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىق ھەتتا ئازىيىپ كېتىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىستېمالنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇراھال، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق. ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالغا مەدەت بەردۇق، ئاپتوموبىل ئىگىلىمىسى 300 مىليوندىن ئېشىپ، %46.7 كۆپەيدى. تور ئىچى - سىرتى ئىستېمالىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، ماددىي تاۋارلارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.8تىن %27.2كە ئۆستى. شەھەر مەھەللىلىرىدە خەلققە قولاي سودىنى راۋاجلاندۇردۇق، يېزا تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولدۇق. كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇردۇق. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، خامچوت ئىچىدىكى سېلىنما ئارقىلىق ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنى يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم نورمىسىنى كۆپەيتىپ، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللىدۇق، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قۇرۇلۇش ۋە تىجارەتكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىدۇق.

رايونلار تەرەققىياتىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ماسلىشىشچانلىقنى كۈچەيتتۇق. غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا رايوننى يۈكسەلدۈرۈش، شەرقىي رايوننى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتتۇق، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى بولدى. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئالاقىدار رايونلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم مەبلىغى بەش يىل ئىلگىرىكىدىن %66.8 ئاشتى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇردۇق. دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتى يار بېرىدىغان رايونلارنى تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش قۇتۇپى ۋە ئېشىش بەلبېغىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدۇق.

ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. دۆلىتىمىز ھېلىھەم شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق يېزا نوپۇسى شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. شەھەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ ناھىيە بازىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتۇق. شەھەر - بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى تۈرگە ئايرىپ كەڭ قويۇۋېتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئون يىلدا 140 مىليون يېزا ئاھالىسىنى شەھەر - بازارلاردا نوپۇسقا ئالدۇردۇق. شەھەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاق ئىجارىلىك ئۆي بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى ۋە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رېلىسلىق قاتناش تىجارەت مۇساپىسىنى 4500 نەچچە كىلومېتىردىن ئاز - كەم 10 مىڭ كىلومېتىرغا، سۇ چىقىرىش تۇرۇبىسىنى 630 مىڭ كىلومېتىردىن 890 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزدۇق. شەھەر - بازارلاردىكى 167 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، 29 مىليوندىن ئارتۇق ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدۇق.

(6) دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى داۋاملىق چىڭ، ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتۇق. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، دادۇر، ياغلىق دان تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرلىك مەھسۇلات ۋە سۈپەتنى ئۆستۈردۇق. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇل بېرىشنى مۇقىملاشتۇردۇق، شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سالمىقىنى ئاشۇردۇق، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قارا تۇپراقنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىدىن 456 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدۇق. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلار بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش - يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتىنى %67تىن %73كە ئۆستۈردۇق. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق مەسىلىسىنى باشتىن - ئاخىر بوشاشماي ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلدۇق.

يېزىلارنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش ۋە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىدۇق، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى تېز راۋاجلاندۇردۇق. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى باشلاپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى داۋاملىق تۈزەپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ، توك، يول، گاز، ئۇچۇر، پوچتا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتى ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا - بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەردە قاتتىق يول قاتنىشى، يولۇچى ئاپتوموبىلى قاتنىشىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %80تىن ئۆسۈپ %87كە يەتتى، كۆپ يىللاردىن بۇيان يېزىلاردا جەمئىي 24 مىليوندىن ئارتۇق خەتەرلىك ئۆي ئۆزگەرتىلدى. تەمىنات - سودا كوپىراتىپى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىسلاھاتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئۆزگىچە بايلىقنى مەۋقە قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، يامان غەرەزدە نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردۇق.

(7) ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. تاشقى مۇھىتتىكى ئۆزگىرىش ئالدىدا، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

ئىمپورت - ئېكسپورت سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى، كىرېدىت قاتارلىقلارغا دائىر سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتىنى ئالتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتتۇق. تاشقى پېرېۋوت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردۇق. تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن 152نى يېڭىدىن تەسىس قىلدۇق، چەت ئەلدە بىر تۈركۈم ئىسكىلاتلارنى قۇرۇشقا مەدەت بەردۇق. ئىمپورت يەرمەنكىسى، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى، ئىستېمال يەرمەنكىسى قاتارلىق مۇھىم يەرمەنكىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق. تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ قولايلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %67 ۋە %92 قىسقارتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ھالقىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلىشىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتۇق. تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى %9.8تىن %7.4كە چۈشتى. مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش بويىچە سىناق ئېلىپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

تاشقى مەبلەغدىن پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنى چىقىرىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق. چەت ئەل مەبلىغىگە قارىتىلغان بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق بوشىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى پاسسىپ تىزىملىك سانىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %51 ۋە %72 ئازايتتۇق، ياسىمىچىلىق ساھەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قويۇۋەتتۇق، پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق جەھەتتىكى مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. 21 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلدۇق، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. جايلار تاشقى مەبلەغنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىجادىي ئۇسۇلدا كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تۈرلەرنى تۇتاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى. بىر تۈركۈم زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ، دۆلىتىمىز داۋاملىق چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئورتاق قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، بىر تۈركۈم ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدۇق، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.4 ئېشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە - ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. غەربىي رايونلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يېڭى يوللىرى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. يېڭىدىن ئالتە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدۇق ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، ئەركىن سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان مال ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى %26تىن تەخمىنەن %35كە ئۆستى. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى، قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

(8) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

بۇلغىنىشنى تۈزەشنى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماسلىشىپ تۈزەش ۋە رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا ۋە ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتىنى %86.5كە يەتكۈزۈپ، 4 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇردۇق. ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەردىكى قارا - سېسىق سۇنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، مۇھىم دەريا - كۆللەر، قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتتۇق. تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇق ۋە يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشنى كۈچەيتتۇق. تېرىلغۇ يەر ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە شەھەر - بازارنى ئېچىش پاسىل سىزىقىنى ئومۇميۈزلۈك بەلگىلىدۇق. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق. چاڭجياڭ دەرياسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق سۇ دائىرىلىرىدە بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىشنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %24كە يەتتى، ئوتلاقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا بىلەن قاپلىنىشىمۇ، سۇلۇق يەرنىڭ قوغدىلىش نىسبىتىمۇ %50تىن ئاشتى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىش، تۇپراق چۆللىشىش، قۇملىشىش كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 106 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، 33 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر ساپ ئازلىدى. خەلق ئاممىسى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن بارغانسېرى كۆپ بەھرىلەندى.

ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون چىقىرىشنى ئازلىتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئارقىلىق مۇقىم تەمىنلەش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتۇق. ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردۇق، پەۋقۇلئاددە ئاز بۇلغىما چىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 1 مىليارد 50 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى 650 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ 1 مىليارد 200 نەچچە مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى %20.8تىن ئېشىپ %25تىن كۆپرەككە يەتتى. بايلىق تېجەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېشىل كەسىپ ۋە ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش - مۇھىت قوغداش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ كاربون يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. يېشىل تەرەققىياتنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتتۇق. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى باھالاش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتۇق.

(9) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى سىجىل كۆپەيتىپ، كۈچەپ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلقنى ئۈزلۈكسىز بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈردۇق.

مائارىپ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مائارىپ − ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاساسى. مالىيەلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ھەر يىلى %4تىن يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە خىراجەت سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردۇق. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز ھالقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار زىيادە كۆپ بولۇش ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنى %93.8تىن %95.5كە يەتكۈزدۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش يولغا قويۇشىدا چىڭ تۇردۇق، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىدۇق ۋە قېلىپلاشتۇردۇق. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتۇق. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ھەر يىلى 37 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدۇق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. كۆپ يوللار ئارقىلىق يەسلىنى كۆپەيتتۇق. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى. كەسپىي مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدۇق. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %45.7تىن %59.6كە يەتكۈزدۇق، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار ۋە يېزا رايونلىرىغا مايىللىشىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردۇق. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق. «ئاساس پەنلەرنى كۈچەيتىش پىلانى» ۋە ئاساس پەنلەر بويىچە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاساس پەنلەر بويىچە سەرخىل ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن 288نى قۇرۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدۇق.

داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق ۋە تىرىشىپ ئومۇملاشتۇردۇق، تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى ئاممىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئومۇمىي خەلققە يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىشى تەس، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ يېنىكلەتتۇق. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 450 يۈەندىن 610 يۈەنگە ئۆستۈردۇق. ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تېخىمۇ كۆپ دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق. بالنىتسىدا يېتىش ۋە ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 57 مىليوندىن كۆپرەك ئادەم قېتىمنى مەنپەئەتلەندۈردۇق. دورا ۋە تېببىي خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، خىراجەت يۈكىنى 400 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يېنىكلەتتۇق. دۆلەت مېدىتسىنا مەركىزىدىن 13نى تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزىدىن 76نى جايلاشتۇرۇپ قۇردۇق. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، دەرىجە بويىچە داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ياشانغانلار قاتارلىقلارغا قارىتىلغان داۋالىنىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردۇق. جۇڭگو تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدۇق. ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجىتى بويىچە كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى 50 يۈەندىن 84 يۈەنگە ئۆستۈردۇق. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر سوزۇلما كېسەللىكلەرگە قارىتىلغان ساغلاملىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتتۇق. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسى قۇرۇپ، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدۇق.

ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەتنى كۈچەيتتۇق. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنى ئۇدا ئۆستۈردۇق، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئېتىبار - نەپىقە بېرىش، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش كاپالىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردۇق. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. مەھەللە ۋە ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى ۋە توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باج - ھەق، ئۆي ئىشلىتىش، سۇ، توك، گاز باھاسى قاتارلىق جەھەتتىكى ئىشلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىدۇق. داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاق مۇددەت كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى سىناق قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈپ قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدۇق. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ۋاقتىدا يار - يۆلەك بولدۇق، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 مىليون ئادەم قېتىم ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى تورىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىندى.

خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتۇق. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈردۇق ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتۇق. ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ۋە ئارخىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. خەلقئارا تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق. مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى - پونكىتلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋەتتۇق. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدۇق. دۆلەتنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئەلا نەتىجە ياراتتى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇردۇق.

(10) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانۇنچىللىق يولىدا تېخىمۇ ياخشى يۈرگۈزدۇق. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئادىل بولۇپ، قانۇننى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىش، ئادىل ئىجرا قىلىش ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى چىڭىتتۇق، ھۆكۈمەتكە ھوقۇقنى خەلق بەرگەن، ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ھوقۇقنى نازارەت ئاستىدا يۈرگۈزۈش شەرت. قانۇن - نىزام ۋە قائىدە - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 50 قانۇن تەكلىپىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، 180 پارچە قېتىم مەمۇرىي نىزام تۈزدۇق ۋە تۈزەتتۇق. تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلدۇق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئاممىۋى پىكىرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل بېجىردۇق. ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتۇق. مەمۇرىيەتتە ئاشكارا بولۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق. گوۋۇيۈەننىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىدۇق.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتتۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق. شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇردۇق. ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئىجتىمائىي خىزمەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، ئاممىۋى پاراۋانلىق - خەيرىيەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللىدۇق. بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. يېمەكلىك، دورا، بولۇپمۇ ۋاكسىنىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇردۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردۇق. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، گىيو ئاپەت، يەر تەۋرەش قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ۋە مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. تور، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتتۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، قارا - رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، قارا - رەزىل كۈچلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق.

ۋەكىللەر!

بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش ۋە باج ئوغرىلاش، باج تاپشۇرماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق جازالىدى. پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇن نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى ۋە خەلق نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى.

ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۇدۇل يولى يوق، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جاپادىن قاچماي، ئەمەلىي ئىشلەپ ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشنى؛ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىپ، خەلقنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، ھەممىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىشنى، قۇرۇق گەپ سېتىپ مۇبالىغە قىلىدىغان، يۈزەكى ئىش قىلىدىغان، ئوبراز قۇرۇلۇشىغا بېرىلىدىغان، ھەتتا قارىغۇلارچە، قاراملىق بىلەن ئىش قىلىدىغان ئەھۋاللارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشنى؛ ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇلى، بوشاشماسلىق روھى بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، چاكىنىلىق، ھۇرۇنلۇق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. خەلق ئاممىسىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇجەسسەملىدۇق.

ۋەكىللەر!

ئۆتكەن بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىشلىرى، دىن ئىشلىرى ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە يېڭىلىق ياراتتۇق ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. بىز باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدۇق. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنىڭ قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. چياۋمىنلار خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا بىر قاتار يېڭى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدۇق. خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە كۈرىشى، دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، دېڭىز قاتنىشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە تىنچلىق ساقلاش قاتارلىق مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تىنچلىققا، تىنچلىقتىن گۈللىنىشكە ئۆتۈشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى - تىزگىنلىشى ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشىغا مەدەت بەردۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئارىلىشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش مۇھىم، زور كۈرىشىنى قەتئىي قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدۇق.

جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق. رەئىس شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىقتى، تور ۋە نەق مەيدان شەكلى ئارقىلىق، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئالىي يىغىنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قاتار يىغىنلىرى، جۇڭگو - ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، دۇنيا تەرەققىياتى بويىچە يۇقىرى قاتلاملىق سۆزلىشىش يىغىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق كۆپ مەيدان ئاساسىي سەھنىلىك مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدۇق. دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال كېڭەيتىپ، دۇنياۋى ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنياۋى خىرىس ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ۋەكىللەر!

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتتىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. نۆۋەتتە تەرەققىياتتا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. تاشقى مۇھىتتا ئېنىقسىزلىق زورايماقتا، دۇنياۋى پۇل پاخاللىقى يەنىلا يۇقىرى پەللىدە تۇرماقتا، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىسىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىماقتا، تاشقى جەھەتتىكى بېسىم ۋە چەكلىمە ئۈزلۈكسىز زورايماقتا. ئىچكى ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ مۇقىملىشىپ ئۆرلەش ئاساسىنى پۇختىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق ھېلىھەم گەۋدىلىك زىددىيەت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەلئارا سېلىنما ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسى مۇقىم ئەمەس، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر بىرقەدەر زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، بەزى ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى بىرقەدەر زور. ئۆي - زېمىن بازىرىدا يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر بىرقەدەر كۆپ، بەزى ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ. تەرەققىياتتا ھېلىھەم نۇرغۇن تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇسى ساقلىنىۋاتىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىز تېخى كۈچلۈك ئەمەس. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىقلارغا دائىر شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدە يەنىلا روشەن ئاجىز ھالقىلار بار. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بەزى ساھەلەردە بىرمۇنچە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، بەزى جايلار سىياسەت ئىجرا قىلىشتا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان»، قاتمۇقات ئېغىرلىتىدىغان ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، بەزى كادىرلاردا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا زىت يول تۇتۇش، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە پىسەنت قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بەزى ساھەلەر، بەزى كەسىپلەر ۋە بەزى جايلاردا چىرىكلىك ئەھۋالى پات - پات يۈزبېرىۋاتىدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى يەنە بەزى پىكىر - تەكلىپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشىلاپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

2. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ

بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاش كېرەك.

بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن تەخمىنەن 12 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.5 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنى ئاساسەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم - چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئارتۇق سەۋىيەدە ساقلاش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، تاشقاتما ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى نۇقتىلىق تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى مۇقىم ياخشىلاش.

مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ ساقلىنىۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە كۈچەپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قىزىل رەقەم نىسبىتى %3 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. باج - ھەق ئېتىبار سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باجنى كېمەيتىش - ھەقنى تۆۋەنلىتىش، باجنى قايتۇرۇش - باجنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەردىن داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۇختا پۇل سىياسىتى دەل جايىدا، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. كەڭ مەنىدىكى پۇل تەمىنات مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى نامىي ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. كەسىپ سىياسىتىدە تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى تىرىشىپ تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا سىياسىتىدە دىققەتنى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، شۇنداقلا خەلقئارا ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەشكىلاتچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى قوللاپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە كوللېكتىپىنى يېتىشتۈرۈشكە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەتتە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

ھازىر، دۆلىتىمىزدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە باشقۇرۇلىدىغان دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باسقۇچىغا كىردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىلمىي خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، توغرا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چۆرىدەپ، ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئاساسىي كېسىلى بارلارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋاكسىنا يېڭىلاش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

بۇ يىل ھۆكۈمەت نۆۋەت ئالمىشىدىغان يىل، يۇقىرىدا دوكلات قىلىنغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆپ ساھەسى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەردە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بوشاشماي تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، تۆۋەندە بىرنەچچە تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى ئىخچام بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

(1) ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇش. ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتوموبىل قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە سىياسەت جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش لازىم، بۇ يىل يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى 3 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «14 - بەش يىل»لىق زور قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ، شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك، رايونلارنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە بىرقەدەر ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك، تېخىمۇ كۆپ ئەلئارا كاپىتالنى دۆلەتنىڭ زور قۇرۇلۇشلىرى ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە جەلپ قىلىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

(2) زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىش، تولۇقلاش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىق بىرىكمە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. مۇھىم ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى دۆلەت ئىچىدە چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش - مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، سەرخىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، يېشىللىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ۋە قوللىنىش - كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك، راۋان ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

(3) «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرلەر بويىچە ئىسلاھ قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگوچە دۆلەت كارخانىسىنى زامانىۋى شىركەت سۈپىتىدە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، يېقىن ۋە پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئادىل رىقابەتلىشىش، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ھەقىقىي چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

(4) تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئىشلىتىش. بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا بولغان پۇقراۋى مۇئامىلىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەتراپلىق ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (CPTPP) قاتارلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەمگە توغرىلاپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى، تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرى قاتارلىق ئوچۇق سۇپىلارنىڭ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئىقتىسادقا تىرەك بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا بولغان مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بەلگە خاراكتېرلىك چەت ئەل مەبلىغى تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو چوڭ بازىرى جەزمەن ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلالايدۇ.

(5) ئىقتىساد - پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، رايونلۇق، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سۈپەتلىك، باشلامچى ئۆي - زېمىن كارخانىلىرى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، مۈلۈك - قەرز ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئۇنىڭ تەرتىپسىز كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قەرز مۇددىتى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆسۈم يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قەرز مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش كېرەك.

(6) ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش - باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاشلىق تېرىغۇچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بۈيۈك ئوزۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ مەنبەلىك يېمەكلىك تەمىنات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يەرنى ھۆددە بېرىش مۇددىتىنى يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئىنچىكە خىزمەتلەر ئارقىلىق پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

(7) تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېشىللىققا بۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ۋە بۇنىڭغا دائىر تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتنى قوللاشقا دائىر سىياسەتلەرنى ۋە پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون چىقىرىشنى تۆۋەنلىتىش ۋە بۇلغىما ئازايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاك تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك.

(8) ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇش. تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ مۇتلەق ئېھتىياجى ۋە تۇرالغۇ ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قوللاپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى، ياشلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، كونا مەھەللە ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، باراۋەر تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر - يېزىلار ئارا بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، تەنتەربىيە تارماقلىرى بىلەن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش، تېببىي دورىگەرلىكنى ماس راۋاجلاندۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشى، تۆۋەنگە يۈزلىنىشى ۋە رايونلار ئارا تەكشى جايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى - دورىگەرلىكىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بويىچە مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەك. پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ۋە باشقا نەپىقە ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار - نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش كېرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى راسا ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ۋەكىللەر!

بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. چياۋمىنلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، ئورتاق شانلىق نەتىجە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز لازىم.

بىز شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشىمىز كېرەك. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى زور كۈچ بىلەن تۇتۇپ، ھەرقايسى يۆنىلىش، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەشنى بىرتۇتاش ئوبدان تۇتۇشىمىز كېرەك. ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەر بويىچە كۈرەش قىلىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى تېز يولغا قويۇشىمىز كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز لازىم.

بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش قەدىمىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەر قان قېرىنداشتۇر، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا دائىر تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىر نىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپاچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمىز. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋەكىللەر!

شانلىق نەتىجە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندە كېلەچەككە يۈزلەنگىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)