قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

​− دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ جېڭيەن، دىڭ شياۋشى

«مەن ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى بۇرچ دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن!»

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، باھار تۈسى قويۇق ئىدى. شى جىنپىڭ سالماق ھەم مەردانە قەدەم تاشلاپ رەئىس سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كېلىپ، بارلىق ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ 3000غا يېقىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە يۈزلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يۈزلىنىپ، تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى −

«يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈزكېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈزكېلەلەيدىغان، خەلققە يۈزكېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشايلى!»

شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەسلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 100 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئاقلىدى، جۇڭگو خەلقى ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.» شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىنتايىن ۋەزىنلىك ئىدى.

قالتىس 10 يىلدا، قالتىس تەدبىرلەر قوللىنىلدى، قالتىس نەتىجىلەر يارىتىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىشقىچە... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن خەلقنى يېتەكلەپ، قاتتىق جەڭلەردە ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ يول باشلىغۇچىسىغا زىچ ئەگىشىپ يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا داۋاملىق سايلاندى.

بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە داۋاملىق سايلاندى.

«بۇ مېنىڭ 3 - قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم. خەلقنىڭ ئىشەنچى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت.» شى جىنپىڭنىڭ سالماق، ۋەزىنلىك سۆزلىرى قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتتى.

خەلق سارىيى خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە بولغان ساپ قەلبىگە گۇۋاھ بولدى.

10 يىل ئىلگىرى، 2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، يېڭىدىن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان شى جىنپىڭ بۇ يەردە: «جۇڭگو ئارزۇسى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلقنىڭ ئارزۇسى.» دەپ تەكىتلىدى.

بەش يىل ئىلگىرى، 2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان شى جىنپىڭ بۇ يەردە: «بارلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە بەخت ۋە شان - شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرەيلى!» دەپ جاكارلىدى.

يول بويى ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، بۇرچ خۇددى مەشئەلدەك يالقۇنجىدى، ساپ قەلب ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈللىنىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىغا سىڭدۈرۈلۈپ، تەنتەنىلىك ۋەدە پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىگە ئېلىشقا يۇغۇرۇلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، شى جىنپىڭ سۆزىدە بەش جەھەتتىكى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى −

«بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»؛

«بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك»؛

«بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك»؛

«بىز <بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم> ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك»؛

«بىز تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»...

دەۋرگە يۈز كېلەلىشىمىز، تارىخقا يۈز كېلەلىشىمىز، خەلققە يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك! شى جىنپىڭنىڭ سۆزى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قىلىنغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك −

ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى قىلغان سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشىمىز كېرەك» «ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك».

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشتا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۇ، ئىرادىدىن قايتماي بۇرچنى زىممىگە ئېلىش −

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك».

خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

بۇ، ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان دۇنياۋى مۇھەببەت −

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ».

بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشقا ئىرادە باغلاشتا يۈز يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز، شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!»

سائەت 9دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى، ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى. شى جىنپىڭ بارلىق ۋەكىللەرگە يەنە بىر قېتىم تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئون نەچچە مىنۇتلۇق سۆز ئون قېتىم قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە بۇ ئۇلۇغۋار نىشان كۆپ قېتىم تەكىتلەندى، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرى جېنجياڭ يېڭى رايونىدىكى يۇڭشىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى، ۋەكىل ۋېي چياۋ نەچچە كۈن ئىلگىرى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشىمەن».

«بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز» دېدى جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەكىل يۈەن گوخۇا.

باھاردا يولغا چىقىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)