شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بودېلنىڭ نېپالنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بودېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ نېپالنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. 1955 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئارا تىنچ بىللە ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بودېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - نېپال ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.