14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

日期:2023年03月15日
来源:天山网
【字体:

(2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى)

شى جىنپىڭ

ھەرقايسى ۋەكىللەر:

بۇ قېتىمقى يىغىن مېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىنى داۋاملىق ئۆتەشكە سايلىدى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

بۇ مېنىڭ 3 - قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشىم. خەلقنىڭ ئىشەنچى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، شۇنداقلا زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەن ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى بۇرچ دەپ بىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن!

ھەرقايسى ۋەكىللەر!

5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى تارىختا سانسىزلىغان شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قېلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر بوزەك قىلىش، چاك - چېكىدىن پارچىلىنىش، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈزبېرىش، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 100 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ ئار - نومۇسىنى ئاقلىدى، جۇڭگو خەلقى ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى.

ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك!

ھەرقايسى ۋەكىللەر!

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلار بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك.

بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، خەلق ھەل قىلغۇچ كۈچ. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

بىز تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك. خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، مۇقىملىق قۇدرەت تېپىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان پولات سېپىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاش كېرەك. ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

بىز تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ. بىز يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم يەرشارىۋى بازار ۋە بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.

ھەرقايسى ۋەكىللەر!

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ھەرقايسى ۋەكىللەر!

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. بىز پەيتنى قولدىن بەرمەي، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز، شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىمىز كېرەك!

كۆپچىلىككە رەھمەت!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)