شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

日期:2023年03月15日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى خۇ جاۋمىڭ 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ ۋاقتى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» بولۇپ، كۆپ دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ بويىچە يىغىنغا قاتنىشىدۇ.