شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ پېشاۋاردا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2023年02月02日
来源:天山网
【字体:

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھبازغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كەيبر ـ پاختونخۋا ئۆلكىسى پېشاۋار شەھىرىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق قەتئىي تۈردە پاكىستاننىڭ دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئالغا سىلجىتىشى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، پاكىستان تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەزكۇر رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھبازغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.