20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلىنغان سۆز

日期:2023年01月17日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باش سىياسىي ۋەزىپىسى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سىياسىي جەھەتتە، نەزەرىيە جەھەتتە، ئەمەلىيەت جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىرىق قىلدۇق. بۇ، پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئەسلىي تېكىستنى ئوقۇش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەينەن ئۆگىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە دوكلاتنى ئۆگىنىشنى قۇرۇلتايدىكى بىر قاتار سۆزلەر ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى، 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتى روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باغلاپ ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىش پەقەت بىر قىسىم ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ئەستە ساقلاش بىلەنلا توختاپ قالسا بولمايدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە زىچ باغلاپ، بۇ يىللاردىن بۇيان بىز بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە مۇساپىگە باغلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيىتىمىزگە باغلاپ، خەلقئارا مۇھىتتىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭدا ھەم سىياسىي جەھەتتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان ۋە نەزەرىيە جەھەتتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا نىشان ئىلمىي بېكىتىلگەن ۋە خىزمەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، بۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ئورگانىك بىرلىككە ئىگە. تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيلىقتىن قىسمەنلىككە، يەنە قىسمەنلىكتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ قايتا - قايتا ئويلانغاندىلا، ئاندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىنى بىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى بىلمەسلىكتىن، بىلسىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە پۇختا ئىگىلەش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش؛ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پىلان، ئورۇنلاشتۇرما بولۇشى كېرەك، باش نىشان، ئومۇمىي يۆنىلىش، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش خەرىتىسى تۈزۈپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئېنىق ئايرىپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش؛ ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇش، ھەم يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. خىزمەت ئىزچىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بولمىسا، ئەگەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، قەدەمنى بىردەك ئېلىشى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.