«ھەمراھلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پەيت − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا»

日期:2022年12月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«ھەمراھلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پەيت − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «ھەمراھلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پەيت − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززا بولۇپ كۈتكەن بىر مەيدان يامغۇر قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ياغدى، كىشىلەر بۇنى «خاسىيەتلىك يامغۇر ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى» دېيىشتى.

بۇ كۈن 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرى كۆز تىكىۋاتقان بىر كۈن، «جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلار ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كەلگەن ۋاقىت».

قەدىمىي ئەرەب يېرىم ئارىلى دۇنيا سۇ تىرانسپورتىدىكى مۇھىم تۈگۈن، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىكى كلاپان، پارلاق مەدەنىيەت ئۇچراشقان جاي... نۇرغۇن روللار ئىچىدە، ئۇلار جۇڭگونىڭ دوستى ۋە ھەمراھى ئىكەنلىكىگىدەك ئېنىقلىمىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.

يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلدى.

بۇلۇت قاتلىمىدىن كېسىپ ئۆتكەن قۇياش نۇرىدا، زېمىنغا خۇددى بىر قەۋەت چۈش كەبى ئالتۇن رەڭلىك نېپىز شايى يېيىتىلغاندەك كۆرىنەتتى. «سەئۇدى ئەرەبىستانى بۈركۈتى» ناملىق ئالتە مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلان بىپايان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، كۆك ئاسماندا رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى. مەخسۇس ئايروپىلاننىڭ ئىككى تەرىپىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانى چېگرادىن كىرگەندىن باشلاپلا يول بويى قوغداپ ئۇچتى.

ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا، بىنەپشە رەڭلىك گىلەم خۇددى قۇملۇقتىكى بىر گۈل بەلبېغىغا ئوخشايتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى خان جەمەتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى تۈۋىدە ساقلاۋاتاتتى.

مەخسۇس ئايروپىلان يەرگە قوندى، ئايروپىلان ئىشىكى ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن مىڭىپ چىقتى. ئوخشاش بىر پەيتتە، مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلانلار ئاسماندىن غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق ئىككى خىل رەڭدە رەڭدار لېنتا ھاسىل قىلدى؛ رىيادنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىلغان 21 پاي ھۆرمەت توپىنىڭ ئاۋازى كۆكنى تىترەتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرى باشلاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرى ئۈچ كۈنلۈك مول مۇساپىنى «ئۈچ ھالقا باشلىقلار يىغىنى» دەپ سۈپەتلىدى.

جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتلىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بۇمۇ 20 - قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جۇشىنىڭ تۇنجى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىدى.

جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتلىمىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم رايون تەشكىلاتى بىلەن چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشىنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.

جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى قاتلىمىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىگە يۈزلەنگەن مۇھىم، زور ئىجادىيىتى»، «جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئابىدە» دەپ ئاتالدى.

ھەمراھلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى يېڭى ئەندىزىسى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى.

ماقالە جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى مۇناسىۋىتىنىڭ تۆت ۋاقىت بۆلىكى؛ جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى مۇناسىۋىتىنىڭ تۆت ئورنى؛ چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ تۆت ئۆلچىمى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2022 - يىللىق دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاخىرىلىشىش پائالىيىتى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتىگەندە رىيادتىكى خالىد ئايروپورتىدا ئاياغلاشتى. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە، ئايروپىلان ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، يىراق شەرققە قاراپ ئۇچتى. جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستانى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدە يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى. كىشىلەرمۇ يېقىن كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى كۈتمەكتە، خۇددى ھەمراھلار قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن پەيتتە، تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد رەئىس شى جىنپىڭگە تەسۋىرلىگەندەك «ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا مېخانىزملاشقان ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ».