«جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا»

日期:2022年12月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىللىق قىش پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، قۇملۇقتىكى بوستانلىق رىياد ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززا بولۇپ كۈتكەن خاسىيەتلىك يامغۇرنى كۈتۈۋالدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ پەيتنى كۈتۈۋالدى.

12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

ئېگىز تاغ، كۆپكۆك دېڭىز، بىپايان قۇملۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئون سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يېتىپ باردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوغداپ ئۇچتى، «سەئۇدى ئەرەبىستانى بۈركۈتى» ناملىق مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلانلار ھەمراھ بولۇپ ئۇچتى، ئايروپورتتا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم قوغدىغۇچى ئايروپىلانلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىغا سىمۋول قىلىنغان قىزىل، سېرىق ئىككى خىل رەڭدە رەڭدار لېنتا ھاسىل قىلدى... ئەڭ يۇقىرى ھۆرمەت ئەڭ ئەزىز مېھمانغا بىلدۈرۈلدى.

يول بويى جەۋلان قىلىپ تۇرغان جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىكى «شى جۇشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» دېگەن شوئارلار، ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ چوڭ ھەجىملىك خەۋەرلىرىدە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا بولغان قىزغىن ئۈمىدى، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئىپادىلەندى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول پىلانلاپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياد سەپىرى جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە تارىخىدا يېڭى ئابىدە تىكلىدى.

ماقالە جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، مىڭ يىللىق دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىش: پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش؛ گۈللىنىش ئارزۇسىنىڭ گىرەلىشىشى: مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەش؛ ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ قول تۇتۇشۇشى: گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتەك يەرشارىۋى ماكاننى ئورتاق قۇرۇش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئۇلۇغ ئىش ئارزۇدىن باشلىنىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىش يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى، ئىستىقبالى پارلاق.