غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2022年12月14日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلغان «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چاي ئىشلەش ماھارىتى ھەم ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۆرپ - ئادەتلەر» ماراكەشنىڭ راباتتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىن جەمئىي 43 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.