شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

日期:2022年12月11日
来源:天山网
【字体:

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد، قاتار ئەمىرى تامىم، بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، ئوماننىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى فاخېد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فۇجايرا خەلىپىسى شەرقىي، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى نايىف باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ خاۋ، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد، قاتار ئەمىرى تامىم، بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، ئوماننىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى فاخېد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فۇجايرا خەلىپىسى شەرقىي، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى نايىف باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەم ئۇنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

شى جىنپىڭ «ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر 2000 يىلغا يېقىن دوستانە بېرىش - كېلىش تارىخىغا ئىگە. 1981 - يىلى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ئالاقە ئورناتقان. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ياراتتى. جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، چوڭقۇر ئۆزئارا ئىشىنىشتىن بولدى، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغدىدى. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىر - بىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تولۇقلىغانلىقتىن بولدى، جۇڭگو كەڭ ئىستېمال بازىرىغا ئىگە، سانائەت سىستېمىسى مۇكەممەل، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھى. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا خەلق قەلبىنىڭ تۇتاش بولغانلىقىدىن بولدى، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوخشاشلا شەرق مەدەنىيلىكىگە تەۋە، مەدەنىيەت قىممىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، خەلقلىرى ئۆزئارا چۈشىنىدۇ ۋە ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدۇ. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغانلىقتىن بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق خىرىسلار ئالدىدا، ئىككى تەرەپ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنى ئوتتۇرا شەرق دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايون تەشكىلاتىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، بىز جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىچكى خاس مەزمۇنىنى تولۇقلىشىمىز كېرەك.

− ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللىشىمىز كېرەك. ئىچكى ئىشقا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

− تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايوننىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

− خەۋپسىزلىكنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەمراھلاردىن بولىشىمىز كېرەك. جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىختىلاپلارنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، دېڭىز قولتۇقى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى قارشى ئالىدۇ.

− مەدەنىيلىكنى ئورتاق گۈللەندۈرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، خەلقنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى بېيىتىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شەرق مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر جەۋھىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تۆۋەندىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ:

بىرىنچى، ئېنېرگىيە ئىستېرېئولۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن خام نېفىت، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز سودىسىدا خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو - دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچ پايدىلىنىش مۇنبىرىنى تەسىس قىلىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە يادرو تېخنىكىسىدىن تىنچ پايدىلىنىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق مەبلەغ سېلىش بىرلەشمىسى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇستەقىل بايلىق فوندىنىڭ كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رەقەملىك پۇل ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، 5G ۋە 6G تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى ۋە خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئون رەقەملىك ئىقتىساد تۈرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مېتېئورولوگىيە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، ئالەم قاتنىشى، ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يىراقتىن سېزىش ۋە خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، بوشلۇقتا قوللىنىش، ئالەم قاتنىشى ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاپ مەشىق قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ جۇڭگو ئالەم پونكىتىغا كىرىپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇچۇشىنى ھەم بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپنىڭ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسى بويىچە توشۇش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشمە ئاي شارى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇشنى تەتقىق قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

بەشىنچى، تىل - مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى 300 ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپىنى قانات يايدۇرىدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، 300 جۇڭگو تىل - يېزىقى ئاقىل سىنىپى تەسىس قىلىپ، «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» يازلىق (قىشلىق) لاگېرىغا قاتنىشىدىغان 3000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو تىل - يېزىقى ئۆگىنىش سىناق مەركىزى ۋە توردا جۇڭگو تىل - يېزىقى دەرسخانىسى قۇرىدۇ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تىل - مەدەنىيەت مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قوش تىل مەدەنىيەت ئامبىرىنى ئورتاق قۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەم قەدىمىي، ھەم ياش مۇناسىۋەت. جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى، ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ گۈزەل يېڭى دەۋرنى يارىتىشنى خالايدۇ.

مۇھەممەد سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمانغا ۋاكالىتەن باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيا نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئىلغار كۈچكە ئايلاندى. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ھەم رايون مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرىنى پىلانلاپ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر − جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپ جۇڭگو بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، سەھىيە، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق كىرىزىسى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپنىڭ باشقا رەھبەرلىرى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىغا يۈكسەك باھا بەردى، ھەممەيلەن تۇنجى نۆۋەتلىك دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر − جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن بولۇپ، مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدى. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ كۆز قاراشلىرى بىر - بىرىگە تۇتاشقان، نۇقتىئىنەزەرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى تولۇق نامايان قىلدى. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، جۇڭگونىڭ سىجىل گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قوشما باياناتى» ئېلان قىلىندى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىنىڭ 2023 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە بولغان ھەرىكەت پىلانى» ماقۇللاندى، جۇڭگو بىلەن دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا يىرىك پىلان تۈزۈلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.