شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

日期:2022年12月11日
来源:天山网
【字体:

​ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاⅡ، بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، جىبۇتى زۇڭتۇڭى جىلە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس، قاتار ئەمىرى تامىم، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى، ئىراق زۇڭلىسى سۇدانى، ماراكەش باش ۋەزىرى ئەخنۇش، ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئابدۇراخمان، لىۋان زۇڭلىسى مىقاتى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گېيت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يىغىندا «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىياد، 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، ۋۇ جۇڭمىن) شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتىكى پادىشاھ ئابدۇل ئەزىز خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. باشلىقلار يىغىنىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى رىياد خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلغانلىقى جاكارلاندى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاⅡ، بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى مىشال، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، جىبۇتى زۇڭتۇڭى جىلە، پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس، قاتار ئەمىرى تامىم، كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى غازۋانى، ئىراق زۇڭلىسى سۇدانى، ماراكەش باش ۋەزىرى ئەخنۇش، ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئابدۇراخمان، لىۋان زۇڭلىسى مىقاتى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گېيت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ يىغىندا «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ ئالاقە قىلىپ، مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش دولقۇنىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش»تىن ئىبارەت جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى مۇجەسسەملىدى. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى بىر - بىرىگە ئىشىنىدۇ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يىمىرىلمەس. باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇقىنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېڭى، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. ئەرەب خەلقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىش سادالىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

− بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىپ، ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىنى قوللايدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

− بىز دىققەتنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك. ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ساغلاملىق - داۋالاش، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق يېڭى ئېشىش قۇتۇپلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش قاتارلىق يېڭى ساھەلەرنى ئېچىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېغىر، زور خىرىسلارغا ياخشى تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

− بىز رايون تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئەرەب ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ.

− بىز مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش، ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. «ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى»گە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزمنى مۇئەييەن مىللەت، مۇئەييەن دىن بىلەن چېتىۋېلىشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋە «جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرىنچى قەدەم قىلىپ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تەرەققىياتنى قوللاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، سەھىيە - ساغلاملىق، يېشىل يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش، ياش ئىختىساسلىقلار، خەۋپسىزلىك - مۇقىملىقتىن ئىبارەت سەككىز ساھەدىكى «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»نى ئالغا سىلجىتىپ، دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن تارىخىي ئادىلسىزلىق قەرەلسىز داۋاملاشسا بولمايدۇ، قانۇنلۇق بولغان مىللەت ھوقۇقى ئۈستىدە سودا قىلىشقا بولمايدۇ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىلتىماس - تەلىپىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، «يەرنى قايتۇرۇش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش» پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، ياراشتۇرۇش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قەتئىي كۈچ چىقىرىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئادىل ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە پەلەستىن تەرەپكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىپ، پەلەستىن تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى ۋە يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو تەرەپ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، بۇ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدە دەۋر بۆلگۈچ ئابىدە. جۇڭگو تەرەپ بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، شانلىق ئەتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ!

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەخت ۋارىسى، قوشۇمچە باش ۋەزىر مۇھەممەد سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمانغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى ھەم باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزى ھەمدە ئوتتۇرىغا قويغان «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»كە پائال ئاۋاز قوشتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە خەلقئارادا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسىنى ھەم باشتىن - ئاخىر پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوللاپ، خەلقئارادا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ھازىرقى دۇنيا بۆلگۈنچىلىك، قارشىلىشىش خەۋپ - خەتىرىگە دۇچ كەلدى، يەككە تەرەپچىللىك، زومىگەرلىك يەنىلا مەۋجۇت، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشقا پايدىلىق. مۇشۇ پەيتتە ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ يەنە ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ھەم كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى جەزمەن ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ھەرقانداق دۈشمەنلىشىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشنى خالايدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»نى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى سىجىل ئورتاق قۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئورتاق خىرىسلارغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» ۋە «تىنچلىق بىلەن تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھۆججىتى» ئېلان قىلىندى.

جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ ھەمدە ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى قارىمىقىدىكى ئاپپاراتلار بىلەن يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئېنېرگىيە، ئاشلىق، مەبلەغ سېلىش، يېشىل بولۇش، خەۋپسىزلىك، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى ۋە ھاسىل قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.