چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە دوست زاتلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. يولداش جياڭ زېمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە دوست زاتلار ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

پاكىستان خۇاچياۋ، خۇارېنلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لا جيېليەن مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، پاكىستاندىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىنتايىن قايغۇردى. رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. پاكىستاندىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى كەسىپلىرىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن تىرىشىدۇ.

ۋىيېتنام - جۇڭگو سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خۇجىمىڭ شەھىرى شۆبە ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى جاۋ چيەن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ئۇلۇغ سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - ۋىيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمىز.

تۈركىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. تۈركىيەدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قايغۇلۇق ھېسسىياتتا بولدى. بىز رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئۆچمەس ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

ئەنگلىيە خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتى شىنخۇا بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ياڭ خەنشىن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى جۇڭگودا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، چەكسىز ئويغا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن 1995 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئالاھىدە خاتىرىلەش يىغىنىدا «تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيونلىرىنى دۇنيا خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان. بۇ سۆز چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان.

گوللاندىيە گوللاندىيەدە تۇرۇپ قالغان خۇاچياۋلار باش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خۇ ۋېيگو مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، ئۇنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى غايەت زور. گوللاندىيەدىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشىدۇ.

بىرازىلىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ جۈنشياۋ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، قاتتىق قايغۇردۇم. رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، خەلقنىڭ بەختى، ئامان - ئېسەنلىكى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر زېھنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.

زىمبابۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇتسۋانگۋا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. رەئىس جياڭ زېمىن زىمبابۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، ئۇ زىمبابۋې خەلقىنىڭ دوستى.

بىرما خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گېگېلەي مۇنداق بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، جۇڭگونى سىجىل تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىگەن، ئۇنىڭ ۋاپاتى جۇڭگو ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش.

تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى دون ئىلگىرى تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم 2001 - يىلى رەئىس جياڭ زېمىنغا دۆلەت خېتى تاپشۇرغان. دون رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ. تايلاند خەلقى ئۇنىڭ تايلاند - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

ھىندىستان پۈتۈن ھىندىستان ئىلگىرىلەش ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىۋاراجان رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونى گۈللەنگەن دۆلەت قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئىلگىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ۋە داڭلىق زاتلارنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - مۇئاۋىن ئاگېنت باشلىقى گۇسمان 2001 - يىلى رەئىس جياڭ زېمىننىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زىيارەت جەريانىدا، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو پەلسەپەسى توغرىسىدىكى بايانى ھەمدە شېئىرىيەت توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلىرى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، «ئۇ مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ».

رۇسىيە - جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رۇسىيە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، داڭلىق خەنشۇناس ۋە جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان زات سېرگېي ساناكويېف مۇنداق بىلدۈردى: جياڭ زېمىن ئەپەندى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئۇ رۇسىيە تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى سوكول مۇنداق بىلدۈردى: بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، يولداش جياڭ زېمىنغا بولغان گۈزەل ئەسلىمىلەر پۈتۈن دۇنيادىكى كوممۇنىستلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

بېلارۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 - شۇجىسى، بېلارۇسىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى، بېلارۇسىيەنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى كالپېنكو مۇنداق بىلدۈردى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، ئىنتايىن قايغۇردۇم. يولداش جياڭ زېمىن بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. «مەن بېلارۇسىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭگو خەلقى، ۋاپات بولغۇچىنىڭ تۇغقانلىرى، دوستلىرىدىن ھال سورايمەن، يولداش جياڭ زېمىن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ جۇڭگو قۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن».

ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىس كارلوس مارتىنېس رەئىس جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگونىڭ باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغانلىقىنى تەرىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1993 - يىلى، جياڭ زېمىن ئەپەندى كۇبا ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ قىيىن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان كۇبادا زىيارەتتە بولدى، بۇ ھەرىكەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق ئوردېنىغا ئېرىشكۈچى، فىرانسىيە مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىن مەرىيئو مۇنداق دېدى: «مەن رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو خەلقىدىن ھال سورايمەن. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1986 - يىلى مەن رونا - ئالپىس چوڭ رايونى پارلامېنتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن رەئىسى بولغان ۋاقتىمدا، ئەينى چاغدىكى چوڭ رايون پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بېلودىئېر ئەپەندى بىلەن شۇ چاغدىكى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى جياڭ زېمىن ئەپەندى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ كېلىشىم ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە.

بىرازىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى لۇسىئانا سانتوس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، ئۇ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. بىرازىلىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

ئىراق كۇردىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كاۋا ماخمۇد مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. «مەن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن».