شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى ھەر ساھەدىكىلەر يولداش جياڭ زېمىننى داۋاملىق چوڭقۇر ياد ئەتتى

日期:2022年12月06日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى يولداش جياڭ زېمىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر داۋاملىق ھالدا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتىنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

شياڭگاڭدىكى 1200دىن ئارتۇق ھەر ساھە زاتلىرى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى تەسىس قىلغان تەزىيە بىلدۈرۈش زالىغا كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە شياڭگاڭدىكى سەككىز ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داشۆنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇۋەققەت مەكتەپ مۇدىرى، شياڭگاڭ مەمۇرلىرى ۋە ئىنتىزام قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياشلار ۋەكىللىرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلۇش، تەنتەربىيە، ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت، نەشرىيات، بوغالتىرلىق، قانۇن قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن زاتلار، يەنە سىياسىي تەشكىلات ۋەكىللىرى، يۇرتداشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.

زور بىر تۈركۈم شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسى ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزلۈكىدىن مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىنىڭ سىرتىغا كېلىپ گۈل تەقدىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تەزىيە دەپتىرىگە سېغىنىشىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى يازدى. شياڭگاڭ ئاھالىسى ۋاڭ خانىم ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە كېلىپ گۈل تەقدىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى كىشىنى ئىنتايىن قايغۇغا سالىدۇ. رەئىس جياڭ زېمىن ۋەتەن ۋە شياڭگاڭغا نۇرغۇن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان، كۆپچىلىك ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

شياڭگاڭدا بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تەزىيە بىلدۈرۈش تور بېكىتى قۇردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى تور بېكىتىدە گۈل تەقدىم قىلىپ، سۆز قالدۇرۇپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تەن ياۋزۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شياڭگاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىشقا ئاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، رەئىس جياڭ زېمىن شياڭگاڭغا كۆپ قېتىم كېلىپ، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىپ، كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. كىشىلەر رەئىس جياڭ زېمىننىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسى ھەمدە شياڭگاڭغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى، ياردىمىنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «داگۇڭباۋ گېزىتى»، شياڭگاڭ «ۋېنخۇيباۋ گېزىتى» قاتارلىق شياڭگاڭدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار نۇرغۇن يېزىق ۋە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى سۈرەتلەرنى داۋاملىق ئېلان قىلىپ، رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ ھاياتىدىكى مۇھىم پەيتلەرنى ئەسلىدى.

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى بىناسىدا تەزىيە بىلدۈرۈش زالى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى 1000دىن ئارتۇق ئامما كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى. «مەن قايغۇلۇق ھېسسىيات بىلەن رەئىس جياڭ زېمىنغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.» تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، جۇخەي - ئاۋمېن چېگرا ھالقىغان سانائەت رايونى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشما باشلىقى چېن ۋېيچى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىش بولدى. ئۇ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېننى سىلىق ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«دۆلەت ياخشى بولسا، ئاۋمېن ياخشى بولىدۇ؛ دۆلەت تەرەققىي قىلسا، ئاۋمېنمۇ ئالغا باسىدۇ.» ئاۋمېن جۇڭشەن شياۋلەن يۇرتداشلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى فېڭ شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىندى، تەرەققىيات يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. ئاۋمېندىكى ھەر ساھەدىكىلەر «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، رەئىس جياڭ زېمىننى خاتىرجەم قىلىمىز.

ئاۋمېن سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خې جىڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى رەئىس جياڭ زېمىننىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاۋمېن جەمئىيىتى ئۇنىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تەيۋەندىكى ھەر ساھە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتىغا سىجىل تەزىيە بىلدۈردى. تەيۋەندىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇ خادىمى خۇاڭ جىشيەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قەتئىي توسقان. ھازىرقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تېخىمۇ سىڭىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بالدۇرراق بىرلىككە كېلىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

تەيۋەنلىك كارخانىچى گو ياتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئىككى قىرغاق ئالاقىسىگە ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. تەيۋەنلىك كارخانىچى جاڭ چىجېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىننىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇ ھازىرقى باسقۇچتا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر سەككىز تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى لى ۋېنشۈن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، مەن ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىمەن.

تەيۋەنلىك كارخانىچى لى رۇيخې 1993 - يىلى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىپ يىلتىزىنى ئىزدەپ، ئىگىلىك تىكلىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس جياڭ زېمىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتا يىلتىز تارتىش ئىشەنچىمنى چىڭىتتى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، كارخانام ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئارزۇيۇم بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى. رەئىس جياڭ زېمىنغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.