يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ

日期:2022年12月05日
来源:天山网
【字体:

− پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى

«يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات» «يولداش جياڭ زېمىن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭخۇا زېمىنى قايغۇلۇق ھېسسىياتقا چۆمدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما تۈرلۈك شەكىلدە يولداش جياڭ زېمىننى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

«يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.» كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

ئۇلۇغۋار نەزەر بىلەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەيتتى

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بېيجىڭ شىجياۋ ئايرودۇرۇمىدا دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، كەيپىيات ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى. سائەت 15تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ كەلگەن مەخسۇس ئايروپىلان ئاستا - ئاستا قوندى. تۆۋەن ئاۋازدىكى ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە، 12 ھۆرمەت قاراۋۇلى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى قويۇلغان جەسەت ساندۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كۆتۈرۈپ، مەخسۇس ئايروپىلاندىن ئاستا چۈشتى...

بۇ كۆرۈنۈش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىنى تىترەتتى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتى قايغۇلۇق ھېسسىياتقا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالى قاتتىق قايغۇغا چۆمدى.

«70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، ئۇ كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي ئېغىشماي، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.» يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ شانلىق ھاياتى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى، كىشىلەر چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ياد ئەتتى.

«يولداش جياڭ زېمىن باشتىن - ئاخىر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى». مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن چۈەنلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتىشتىن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى پائال قوللاشتىن ئېلىمىزنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، «كىرگۈزۈش» ۋە «چىقىرىش» ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، يولداش جياڭ زېمىن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار فاڭجېن - سىياسەت ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش، پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 13 يىل جەريانىدا، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى.

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشى ئالدىدا، يولداش جياڭ زېمىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، بىر قاتار دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى.

«يولداش جياڭ زېمىن دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن كەڭ دائىرىدە كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىزاھلاپ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام، ھەر خىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان تەسىراتىمىز چوڭقۇر.» فۇدەن داشۆ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىنبو مۇنداق بىلدۈردى: بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىمىز.

2006 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى، 3 - تومىنى تەھرىرلەش ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىزنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

«پۈتۈن نەشرىياتىمىز تاللانغان ماقالىلەرنى تەھرىرلەش، كوررېكتورلۇق قىلىش خىزمىتىگە كوللېكتىپ ئاتلىنىپ، ۋەزىپىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، خاتاسىز تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ قېتىمقى نەشر خىزمىتىدە بىز بىر قېتىملىق چېنىقىش ۋە سىناقنى باشتىن كەچۈردۇق، شۇنداقلا نەزەرىيەۋى بىلىمىمىز ۋە خىزمەت قابىلىيىتىمىز ئاشتى.» ئەينى يىللاردىكى «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نى نەشر قىلىش خىزمىتى شۇ چاغدىكى خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۇيۈەننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى. «يولداش جياڭ زېمىننىڭ ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەسى ۋە ئىجادكارلىق روھى بىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىمىز» دېدى خۇاڭ شۇيۈەن.

ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كەسكىن ئىدى

تاغ - دەريالار قايغۇغا چۆمدى، مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى لىڭنەن خەلقىنى چەكسىز قايغۇغا چۆمدۈردى. كىشىلەر شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، دەل مۇشۇ يەردە، يولداش جياڭ زېمىن تۇنجى قېتىم «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

2000 - يىلى 2 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، پارتىيەمىز ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە ھەر ۋاقىت جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى.

«يولداش جياڭ زېمىننىڭ سۆزلىرى بىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.» ئەينى چاغدىكى گۇاڭدۇڭ گاۋجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زوۋ جىخەي ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگەندە يەنىلا ناھايىتى ھاياجانلىناتتى: «<ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسىدە سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جاۋاب بېرىلدى، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش مەسىلىسىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىلدى».

«<ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش> مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي بىر ماركسىزمچىنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە نەزەرىيەۋى جاسارىتىنى نامايان قىلدى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى چېن خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: يولداش جياڭ زېمىن ياراتقان «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.

يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارادىكى بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پاراخوتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

دەريالار نەرە تارتتى، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر قايغۇغا چۆمدى.

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئوي - پىكرىنى ئەينى يىللاردا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان ئاشۇ كۈنلەرگە قايتۇرۇپ كەلدى.

1998 - يىلى ياز پەسلىدە، دۆلىتىمىز تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى ۋادىسى، نېنجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە بازىلىرى ۋە نەچچە ئون مىليون خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى.

كەلكۈن پەللىسى قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە كېلىپ، ئارمىيە - خەلق ئارىسىغا كېلىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئۆزى قوماندانلىق قىلغانلىقىدەك تەسىرلىك كۆرۈنۈش خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، ئەنخۇي قاتارلىق ئەينى يىلى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە.

«چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ 5 - قېتىملىق كەلكۈن پەللىسى جىڭجياڭ دەرياسىغا قىستاپ كەلگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، يولداش جياڭ زېمىن خەتەرگە قارىماي، توسمىغا چىقىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلدى.» ئەينى چاغدىكى خۇبېي جىڭجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ كېيى تا بۈگۈنگىچە بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇيالمىدى −

دەريا توسمىسىدا، ئارمىيە - خەلق ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان كەلكۈننى توسۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن توسما قوپۇرۇۋاتاتتى. يولداش جياڭ زېمىن قولىغا مىكروفوننى ئېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، سىلەر ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئۇدا جەڭ قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلار كېرەك!»

«ۋەزىپىنى قەتئىي تاماملايمىز!» «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولسۇن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى خاتىرجەم بولسۇن!» توسمىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدا، ئامما ھاياجانغا چۆمدى، جەڭگىۋارلىقى ئۇرغۇدى.

«يولداش جياڭ زېمىننىڭ سۆزى بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، بىزنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدىكى خىلمۇ - خىل قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاخىرغىچە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.» ليۇ كېيى مۇنداق دېدى: «بۇ مەيدان كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە، بىز <ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش، قەتئىي بوشاشماي، قەتئىي تەۋرەنمەي، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش>تىن ئىبارەت كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى شەكىللەندۈردۇق، بۇ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەڭداشسىز قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى».

خەلقئارا سەھنە ئوخشاشلا يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغان قالتىس پاراسىتىگە گۇۋاھ بولدى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىغا كىرگەندە، يولداش جياڭ زېمىن ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان يۈزلىنىشنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئالغا باستۇرۇش، باي - قۇدرەتلىك قىلىشتا، جەزمەن سىرتقا ئېچىۋېتىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، بارلىق ئىلغار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆرنەك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى چىقاردى.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتەك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدەك قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيتتى

يولداش جياڭ زېمىن گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە خىسلىتى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

قارلىق ئېگىزلىكتە ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىيات بىلەن، تۈرلۈك شەكىللەردە يىراقلاردىن قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

«يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى قويدى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچلۈك خىزمەتكارلىق ئېڭى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى». شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدىكى شىزاڭغا ياردەم بېرىش يېتەكچىسى، رېكازې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن گېڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋردىكى شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئامما ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ ، خەلق بىلەن مەڭگۈ قەلبداش بولىمەن.

«يولداش جياڭ زېمىن مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە - ئەخلاقى ۋە پەن - مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ چوڭ تەدبىر» دېدى جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جېجياڭ داشۆنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى پەن يۈنخې.

1995 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار» نى ئېلان قىلىپ، پەن - مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «211 قۇرۇلۇشى»، «985 قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويدى، جېجياڭ داشۆ تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«1998 - يىلى، جېجياڭ داشۆ، خاڭجوۋ داشۆ، جېجياڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ۋە جېجياڭ تېببىي داشۆسىدىن تەشكىللەنگەن يېڭى جېجياڭ داشۆ قۇرۇلدى. يولداش جياڭ زېمىن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم <جېجياڭ داشۆنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى>» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. پەن يۈنخې مۇنداق دېدى: «بىز دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىمىز».

سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن دېڭىز ئارىلى چېگراسىغىچە، كونا ئىنقىلابىي رايوندىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىغىچە، ھەممىسىدە يولداش جياڭ زېمىننىڭ پۇختا، ئەستايىدىل شۇنداقلا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك ئىزلىرى قالدى. كىشىلەر يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئەتتى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىگە چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى.

ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، يولداش جياڭ زېمىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان . پۈتۈن مەملىكەت زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %71 ىنى ئىگىلەيدىغان غەربىي رايون يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، تېخىمۇ كۆپ ئامما تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ باجۇڭ شەھىرىدىن ئىبارەت ئىلگىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشمىغان بۇ كونا ئىنقىلابىي رايون بۈگۈنكى كۈندە «ھاۋا يولى، تۆمۈر يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول» نى تەڭ ئىلگىرى سۈردى − 18 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىدى، «يېشىل گىگانت ئادەم» ئوق پويىزى قاتناپ، شەھەر، ناھىيەلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتىشىپ، يول تورى ھەممە ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى. «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى باجۇڭغا كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتەك مۇھىم، زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى» دېدى سىچۇەن ئۆلكىسى باجۇڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۈ ئەيگو.

يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق كۆرسەتكەن: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرى ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتى، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىش، ھەرقانداق بىر تەرەپ كەم بولسا، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولماي قالىدۇ.

«يولداش جياڭ زېمىن ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى، قىزغىن سۆيەتتى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە ئىنتايىن يېقىملىق، خۇشخۇي مۇئامىلە قىلاتتى.» 80 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس، جۇڭگو كۆمۈر كان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پەخرىي ئۆمەك باشلىقى چۈ شيەنخې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 1997 - يىلى يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو كۆمۈر كان سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا «كانغا يۈزلىنىپ، كان ئىشچىلىرىغا مۇلازىمەت قىلايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى، بۇ، بىز ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت، بىز بۇ «ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، كان رايونىغا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر چۆكۈپ، كان ئىشچىلىرىنىڭ خىسلىتىنى ھېس قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى كان ئىشچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ئويۇن قويۇپ، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ قالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنى مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز».

ئاممىنى ھۆرمەتلەپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلەتتى

شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1 - زاۋۇتىنىڭ تارىخ كۆرگەزمە سارىيىدا، ھەربىر پارچە كونا سۈرەت، ھەربىر پارچە كونا ھۆججەتكە يولداش جياڭ زېمىننىڭ 1 - زاۋۇتتىكى پېشقەدەم ئىشچىلارنى يېتەكلەپ مىللىي ماركىنى زورايتقانلىقى، كۈچەيتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۆتكەن ئىشلارخاتىرىلەنگەنىدى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1 - زاۋۇتىنىڭ 1 - مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، «گۇاڭمىڭ ماركىلىق» يېمەكلىك ماركىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە يارىتىشقا مەسئۇل بولغانىدى.

«يولداش جياڭ زېمىن مەھسۇلات سۈپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، بىرەر مەسىلىنى بايقىغان ھامان دەرھال ھەل قىلاتتى.» سابىق شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1 - زاۋۇتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خې گولياڭ مۇنداق دېدى: «يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى بىزگە ھەرۋاقىت مەھسۇلات سۈپىتىگە قىلچە بىخەستەلىك قىلماسلىق، پۇقرالارغا پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىشتەك خەلقچىل ھېسسىياتنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ كەلدى».

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش.

يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق تەكىتلىگەن: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش.

1985 - يىلى، جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1987 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەر يىلى جەزمەن خەلق ئۈچۈن بىرنەچچە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەڭ ئاممىنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش جەھەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلغان.

شاڭخەي جىڭئەن رايونى لىنفېن يولى كوچا باشقارمىسى لىنفېن مەھەللىسىدىكى 73 ياشلىق ئاھالە ياۋ مېيلىنىڭ خاتىرىسىدە، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئۇنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئىزچىل ياخشىلانغان. «كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز يولداش جياڭ زېمىننىڭ شاڭخەي خەلقى ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىدىن مەڭگۈ مىننەتدار بولىمىز».

باش قىشتا، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاڭگۇلاشەن بازىرىدا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنبەسى بولغان توتوخې دەرياسى قار - مۇز بىلەن قاپلانغانىدى. يولداش جياڭ زېمىن مۇنار نامىنى يېزىپ بەرگەن «چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسى»ناملىق مۇھىت قوغداش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، چىڭخەيلىك چارۋىچى شىن ۋېن بىلەن خوتۇنى رېنچىڭ جوما خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، تاش ئابىدىنى پاك - پاكىز سۈرتتى، ھەم خادا ۋە ئارپا ھارىقى ھەدىيە قىلدى.

1995 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى ھەم يولغا قويدى. ئۈچ دەريا مەنبەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا شۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈزبەردى.

«بۇ تاش ئابىدە ئۈچ دەريا مەنبەسىدە تىكلىنىپلا قالماي، يەنە ئېگىزلىكتىكى خەلقنىڭ قەلبىدە تىكلەندى» دېدى شىن ۋېن.

ھەر قېتىم توتوخې دەرياسىدىن ئۆتكەندە، شىن ۋېن تاغار ئەكېلىپ ئەتراپتىكى ئەخلەتلەرنى تېرىپ، تاش ئابىدىدىكى چاڭ - توزانلارنى سۈرتىدۇ. ئۇ چىڭخەي - شىزاڭ لىنىيەسىدە قاتنايدىغان شوپۇرلار، يولۇچىلارغا «چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسى» مۇھىت قوغداش خاتىرە مۇنارىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يەتكۈزىدۇ. «بىز ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز».

جياڭسۇ ياڭجوۋ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، نۇرغۇن كىشى ئۆزلۈكىدىن يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا بېرىپ، گۈل دەستە ھەدىيە قىلىپ، قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

«ۋاقىت خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، بىردەمدىن كېيىن دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىسىلەر ... كەلگۈسىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جاھاننى تىنچلاندۇرۇشتا، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايىنىمىز. كۆپچىلىك تىرىشايلى! ساۋاقداشلار ئەتە كۆرۈشەيلى.» يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى نۇرغۇن سورۇنلاردا ئېيتقان بۇ ناخشا ئۇنىڭ ئانا مەكتىپى دۇڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ ناخشىسى بولۇپ، «كەلگۈسىدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، جاھاننى تىنچلاندۇرۇشتا، پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە تايىنىمىز» دېگەن سۆز بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ تەلىمىگە ئايلانغانىدى.

2000 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن دۇڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازغاندا، بۇ ناخشىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالغانىدى، ئۇ بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان يىللاردا، جۇڭگو جاپا - مۇشەققەتتە تۇرۇۋاتقان، ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك بولۇۋاتقان، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان، جەمئىيەتتە داۋالغۇش يۈزبېرىپ تۇرغانىدى ... سىلەر سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئۇلۇغ دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، بۇنى چوقۇم ئىنتايىن قەدىرلەڭلار».

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قان - تەرى ۋە كۈرىشى سىڭگەن. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخنى ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

«بىز يولداش جياڭ زېمىننى ياد ئېتىشتە، ئۇنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.» دۇڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تاڭ كەيچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەر بىلەن يولداش جياڭ زېمىننى خاتىرجەم قىلىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى)