جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتى

日期:2022年12月05日
来源:天山网
【字体:

1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 14 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يولداش جياڭ زېمىن 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دوكلات بەرمەكتە.

1993 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن بېيجىڭدا بىر يەسلىدىكى بالىغا يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى كۇمۇلىچىنى يېگۈزگەندىن كېيىن، كىچىك دوست جياڭ بوۋىسىنى سۆيۈپ قويدى.

1997 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدىكى شىنيىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەبرىكلەش مۇراسىمىدا يولداش جياڭ زېمىن ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەرگەن «شياڭگاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن ھۆسىنخەت نامايان قىلىندى.

1997 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 15 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يولداش جياڭ زېمىن 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دوكلات بەرمەكتە.

1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، يولداش جياڭ زېمىن ئۆزى خۇبېيدىكى چاڭجياڭ دەرياسىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ ئارمىيە ۋە خەلقنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەردى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يولداش جياڭ زېمىن خۇڭخۇ شەھىرى ۋۇلىن بازىرىنىڭ جۇڭشاجياۋ خەتەرلىك بۆلىكىدىكى توسمىدا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇۋاتقان ئارمىيە ۋە خەلققە سۆز قىلماقتا.

1999 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش كاتتا مۇراسىمى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. يولداش جياڭ زېمىن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس ئەسكەرلەر قىسمىدىن تەشكىللەنگەن يەر يۈزى چاسا ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

2000 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گاۋجوۋ شەھىرىدە رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش» تەربىيەسى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ قېتىم گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەمىز ھەر ۋاقىت جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ كەلدى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

2000 - يىلى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت باشلىقلار يىغىنى نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلدى. يولداش جياڭ زېمىن (ئوتتۇرىدا) فىرانسىيە زۇڭتۇڭى شىراك (ئوڭدىن 2 - كىشى)، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدىن 1 - كىشى)، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بلايىر (سولدىن 1 - كىشى)، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون (سولدىن 2 - كىشى) بىلەن قول ئېلىشىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

2001 - يىلى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى خەينەندە ئۆتكۈزۈلدى. يولداش جياڭ زېمىن قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

2001 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 9 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، يولداش جياڭ زېمىن يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

2002 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يولداش شى جىنپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار تيەنئەنمېن راۋىقىدا. (سۈرەتلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)