جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ، شانلىق ھاياتى

日期:2022年12月04日
来源:天山网
【字体:

بۇ، 1947 - يىلى يولداش جياڭ زېمىننىڭ شاڭخەي قاتناش داشۆسىدە چۈشكەن ئوقۇش پۈتكۈزۈش سۈرىتى.

1955 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە، يولداش جياڭ زېمىن (ئوڭدىن 2 - كىشى) موسكۋا ستالىن ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا پىراكتىكا قىلغان. بۇ، جياڭ زېمىن قاتارلىقلار موسكۋادا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

1956 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن (سولدىن 7 - كىشى) چاڭچۇن 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا 1 - ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

1963 - يىلى 3 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 5 - كىشى) شاڭخەيدە كىچىك تىپتىكى ئۈچ فازىلىق ئىندۇكسىيەلىك ئېلېكتىر موتورىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش يۈرۈشلۈك لايىھەلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

1964 - يىلى 6 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن (2 - رەت ئوڭدىن 1 - كىشى) فىرانسىيەنىڭ ئايكسلەسبېنزدا خەلقئارا ئېلېكتىر تېخنىكىسى كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

1980 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرى، يولداش جياڭ زېمىن (ئالدىنقى رەت ئوڭدىن 3 - كىشى) ئىرېلاندىيەدىكى شانون تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تەرەققىيات رايونىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىقلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.

1984 - يىلى 5 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئېلېكتىرون يېڭى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە، خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى سىناق قىلىپ ئۇرۇپ، يىراقتىكى خىزمەتچى خادىملاردىن ئەھۋال سورىدى.

1985 - يىلى، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھەرلىك 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا.

1988 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەيدە پېشقەدەم ئالىملارنىڭ ئىلىم - پەن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يولداش جياڭ زېمىن يىغىندا سۆز قىلماقتا.

1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىلەن يولداش جياڭ زېمىن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

1990 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىن زاڭزۇ ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋاڭگو بايرىمىنى تەبرىكلىدى. (سۈرەتلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)