يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلاندا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىندى

日期:2022年12月03日
来源:天山网
【字体:

​شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ جەسەتنى كۈتۈۋالدى

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى شاڭخەيدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىندى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى شاڭخەيدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىندى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى بېيجىڭ شىجياۋ ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ جەسەتنى كۈتۈۋالدى. سەي چى قاتارلىقلار شاڭخەيدىن يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كەلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 - ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بۈگۈن شاڭخەيدىن مەخسۇس ئايروپىلاندا ھۆرمەت - ئېھتىرام بىلەن بېيجىڭغا يۆتكەپ كېلىندى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى بېيجىڭ شىجياۋ ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ جەسەتنى كۈتۈۋالدى ھەم يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. سەي چى ۋە دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى شاڭخەيدىن يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كەلدى.

بېيجىڭ شىجياۋ ئايرودۇرۇمىدا دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، كەيپىيات ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈس ئالغانىدى، قارا تەگلىك ئاق خەتلىك لوزۇنكىغا: «يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات» «يولداش جياڭ زېمىن قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات» دەپ يېزىلغانىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاتارلىقلار مەيدىسىگە ئاق گۈل، بىلىكىگە قارىلىق تاقاپ، ئايروپىلان توختاش سۇپىسىدا قايغۇلۇق ھېسسىياتتا سۈكۈتتە تۇردى.

سائەت 15 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ كەلگەن مەخسۇس ئايروپىلان ئاستا - ئاستا قوندى. تۆۋەن ئاۋازدىكى ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە، 12 ھۆرمەت قاراۋۇلى يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى قويۇلغان جەسەت ساندۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كۆتۈرۈپ، مەخسۇس ئايروپىلاندىن ئاستا چۈشۈپ، جەسەتنى كۈتۈۋېلىش سېپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، جەسەت ساندۇقىنى ئاپتوموبىلغا ئېلىپ چىققۇچە ئۇزىتىپ قويدى. ئارقىدىن، دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتى ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەسەتنى مۇھاپىزەت قىلىپ جەسەت قويۇش ئورنىغا يۈرۈپ كەتتى.

شۇ كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جەسەتنى يۆتكەش مۇراسىمى شاڭخەي خۇادۇڭ دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىدالىشىش ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى. دەپنە ئىشلىرى ھەيئىتى ئىشخانىسىنىڭ ئەزالىرى، شاڭخەي شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، داۋالاش خادىملىرى قاتارلىقلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى ھەمدە جەسەت ساندۇقىنى شاڭخەي خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمىغا مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويدى. شاڭخەيدىكى ھەر ساھە ئامما يول بويى تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويدى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىمۇ بېيجىڭ شىجياۋ ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ جەسەتنى كۈتۈۋالدى.

يولداش جياڭ زېمىن 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شاڭخەيدە 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.