پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە قايغۇلۇق خەۋەر

日期:2022年12月02日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە قايغۇلۇق خەۋەر

يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئىنتايىن قايغۇلۇق ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇ: قەدىردانىمىز يولداش جياڭ زېمىن ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كۆپ قىسىم ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2022 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت 12دىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 96 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئاتاقلىق رەھبەر، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى.

يولداش جياڭ زېمىن ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە دېموكراتىك ئىنقىلاب ئىدىيەسىنىڭ ئويغىتىشىغا ئۇچرىغان. داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە پائال قاتنىشىش جەريانىدا تاۋلىنىپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىلىك ھايات يولىنى تاللاشنى تاماملاپ، ئاخىرىدا مىللەتنىڭ ئازادلىقى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك كىشىلىك غايە ۋە ئېتىقادنى تىكلىگەن. 1947 ـ يىلى شاڭخەي قاتناش داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن زاۋۇتقا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، ئىشچىلار ئاممىسى ھەم ياشلار ئۇيۇشمىسى كەچلىك كۇرسىدىكى كەسپىي ياشلار ئارىسىدا ئىنقىلابىي تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1949 ـ يىلى ئىشچىلار ئاممىسىنى تەشكىللەپ زاۋۇتنى قوغداش پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ئازادلىقىنى كۈتۈۋالغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شاڭخەي يىمىن يېمەكلىك 1 ـ زاۋۇتىنىڭ 1 ـ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، شاڭخەي سوپۇن زاۋۇتىنىڭ 1 ـ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، 1 ـ ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي 2 ـ لايىھەلەش شۆبە ئىدارىسى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1954 ـ يىلى، دۆلەت چاڭچۇندە 1 ـ ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىنى قۇرغاندا، زور بىر تۈركۈم كەسپىي تېخنىكا كادىرلىرى ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلارغا ئېھتىياجلىق بولغان، يولداش جياڭ زېمىن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بارغان، 1955 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ موسكۋا سىتالىن ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتىدا پىراكتىكا قىلغان. 1956 ـ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن چاڭچۇن 1 ـ ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن باش ئېنېرگىيە ئىنژېنېرى، ئېنېرگىيە شۆبە زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولغان. 1962 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن 1 ـ ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى شاڭخەي ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات رەھبەرلىك خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1966 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن ۋۇخەن ئىسسىقلىق ماشىنىسازلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىغا، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھىلەش خىزمىتىنى تەشكىللىگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن زەربىگە ئۇچرىغان. 1970 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن 1 ـ ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان، 1971 ـ يىلى جۇڭگو 1 ـ ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى رۇمىنىيەگە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باش گۇرۇپپا باشلىقى بولغان، 1973 ـ يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 1 ـ ماشىنىسازلىق سانائىتى مىنىستىرلىقى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ئىدارە باشلىقى بولغان. 1980 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن دۆلەت ئىمپورت ـ ئېكسپورتنى باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت چەت ئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىدە ئالاھىدە سىياسەت، جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇش قاتارلىق ئىجادىي خىزمەتلەرگە ئاساسلىق مەسئۇل بولغان. 1982 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن ئېلېكتىرون سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ 1 ـ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1983 ـ يىلى مىنىستىر، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئېلېكتىرون سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1982 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 12 ـ قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1985 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 1987 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە 13 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. شاڭخەي شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، يولداش جياڭ زېمىن شاڭخەيدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، شاڭخەينىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرگەن، پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىش ئۈچۈن كۈچ توپلىغان ۋە پىلان تۈزگەن، پارتىيە قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 1989 ـ يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئېغىر سىياسىي ۋەقە يۈزبەردى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايراق روشەن ھالدا مالىمانچىلىققا قارشى تۇرۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى توغرا تەدبىرىنى ھىمايە قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا زىچ تايىنىپ، شاڭخەينىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىغان.

1989 ـ يىلى، پارتىيە 13 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى، پارتىيە 13 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇشى قارار قىلىنغان. 1990 ـ يىلى، 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

يولداش جياڭ زېمىن پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 90 ـ يىللىرىنىڭ بېشىدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە ئېغىر سىياسىي ۋەقە يۈزبەردى، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشىسزلىققا ئۇچراپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز غايەت زور قىيىنچىلىق ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ، بايرىقى روشەن ھالدا تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىززەت ـ ھۆرمىتى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قەتئىي قوغدىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى.

پارتىيە 13 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 16 ـ قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 13 يىلدا، خەلقئارا ۋەزىيەتتە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتتى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار فاڭجېن ـ سىياسەتلەر ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 ـ ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىردى. يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ 3 ـ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارادىكى بىر قاتار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە سالماق تاقابىل تۇرۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھە ۋە تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ ـ خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. پارتىيە 13 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 13 يىلدا پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ماركسىزملىق سىياسىيونغا خاس ئاجايىپ قابىلىيىتى، ئاچقۇچلۇق رولى، ئادەتتىن تاشقىرى سىياسىي رەھبەرلىك سەنئىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

يولداش جياڭ زېمىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ۋە دۇنيادىكى يېڭى ھەربىي ئىشلار ئۆزگىرىشىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جياڭ زېمىن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يولداش جياڭ زېمىن مۇنداق تەكىتلىگەن: دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك، ھەربىي ئىشلاردا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى چىڭ، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش، سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تارىخىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي قۇرۇلۇشنى باشتىن ـ ئاخىر ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدا باش ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، خىسلىتى، ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك؛ ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئارمىيە قۇرۇش، ئۇچۇرلاشقان جەڭدە غەلىبە قىلىش نىشانى بويىچە، جۇڭگوچە سەرخىل قوشۇن قۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئارمىيەمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئارمىيەنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، تىرىشچانلىق ـ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئارمىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكا سانائىتىنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن ـ تېخنىكىسى بىلەن قورال ـ جابدۇق تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا سېلىنمىسى ئاز ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يولنى تېپىپ چىقىش كېرەك؛ تىنچلىق مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي ئېھتىياجنى خەلق ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈش فاڭجېنى بويىچە، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكا شارائىتىدىكى خەلق ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەسى، تاكتىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە ـ ھۆكۈمەت، ئارمىيە ـ خەلق ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

يولداش جياڭ زېمىن ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىغا ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەمىز تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇنغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ، ئۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي بىر ماركسىزمچىنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە نەزەرىيەۋى جاسارىتىنى نامايان قىلدى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىدە پارتىيەمىزنىڭ باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى گەۋدىلىك تەكىتلەنگەن، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ـ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمى ۋە دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئورۇندايدىغان ئاساس تۇتۇلغان. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىسى شۇكى، ئۇنىڭدا بىر قاتار زىچ باغلىنىشلىق، ئۆزئارا تۇتاشقان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىلدى، قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش مەسىلىسىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىلدى، ئۇ، ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر شارائىتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. پارتىيە 16 ـ قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، يولداش جياڭ زېمىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەسلىكىنى، ھەمدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كونا ـ يېڭى رەھبەرلەرنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېتتىن چېكىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئۆزگىرىشچانلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئويلىشىلىپ، پارتىيە 16 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يولداش جياڭ زېمىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتۈشى قارار قىلىنغان. پارتىيە 16 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆزىگە تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئادا قىلغان. 2004 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى ئۈستىگە ئالغان پارتىيە ۋە دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر پىكرى ۋە يىراقنى كۆزلەپ ئىش كۆرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن.

رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان. 2006 ـ يىلى، يولداش جياڭ زېمىن «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومى، 3 ـ تومىنى تەھرىرلەش ۋە قىسىممۇقىسىم تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان. «جياڭ زېمىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما»غا ئاساسلىقى يولداش جياڭ زېمىننىڭ 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 21 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە مۇستەقىل ئىجادچانلىققا ئىگە مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىزنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

يولداش جياڭ زېمىن ئۇلۇغۋار نەزەر دائىرىدە، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ھەمىشە جۇڭگو ۋە دۇنيا تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقان. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كەسكىن بولۇپ، ھەمىشە پارتىيە ۋە خەلقنى قەلبىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي كوممۇنىستلارنىڭ غايە ـ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغان، ئۇ ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغان قالتىس پاراسەتكە ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىدىغان غايەت زور جاسارەتكە ئىگە ئىدى. يولداش جياڭ زېمىن ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمىشە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش، يول ئىزدەشتە چىڭ تۇرغان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ئەستايىدىل شۇنداقلا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتقان. يولداش جياڭ زېمىن ئاممىنى ھۆرمەتلەپ، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەمىشە خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقى، ھال ـ ئەھۋالىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغان. يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

يولداش جياڭ زېمىننىڭ ۋاپاتى پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

بىز چوقۇم تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

بىز چوقۇم ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ تېخىمۇ شانلىق ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىشىمىز كېرەك.

بىز چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەتنى ئۆز كۈچىمىز ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

بىز چوقۇم جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىمىز كېرەك.

بىز چوقۇم «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئىنقىلابىي سالاپىتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى قوللىنىپ يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئىلمىي پوزىتسىيەسى ۋە ئىجادكارلىق روھىنى ئۆگىنىپ، دۆلىتىمىزنى باي ـ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشلىرىغا يولداش جياڭ زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ يۈرەك قېنى ۋە كۈرەشلىرى سىڭگەن. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى.

يولداش جياڭ زېمىن مەڭگۈ ھايات!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)