شى جىنپىڭ يامايكا باش ۋالىيسى ئاللىن بىلەن جۇڭگو ـ يامايكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

لى كېچياڭ يامايكا زۇڭلىسى خولنىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يامايكا باش ۋالىيسى ئاللىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يامايكا ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان كارىب دېڭىزى رايونىدىكى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ يامايكا مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇر، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن يامايكا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. مەن جۇڭگو ـ يامايكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي ئاللىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىمىزنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو ـ يامايكا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ يامايكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

ئاللىن مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، يامايكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. يامايكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يامايكا زۇڭلىسى خولنىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يامايكا جۇڭگونىڭ كارىب رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ يامايكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ يامايكا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

خولنىس مۇنداق بىلدۈردى: يامايكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يامايكىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، يامايكا ـ جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.