شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16 ـ نۆۋەتلىك ئىلمىي يىغىنى ھەم 30 ـ نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16 ـ نۆۋەتلىك ئىلمىي يىغىنى ھەم 30 ـ نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئاساسىي پەن تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېچىۋېتىش، ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلىم ـ پەننى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16 ـ نۆۋەتلىك ئىلمىي يىغىنى ۋە 30 ـ نۆۋەتلىك ئاكادېمىكلار يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاساسىي پەنلەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دەلىل ـ ئىسپاتقا ئەمەل قىلىپ تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى، جېجياڭ داشۆ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشتى.