شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ توقايېفنىڭ قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاسسيم جومارت توقايېفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ بۇ قېتىم سايلانغانلىقىڭىز قازاقىستان خەلقىنىڭ سىزگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ. مەن جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.