شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئىژېۋسك شەھىرىدە مەكتەپ قورۇسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى رۇسىيەنىڭ ئىژېۋسك شەھىرىدە مەكتەپ قورۇسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ ئىژېۋسك شەھىرىدە مەكتەپ قورۇسىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.