پارتىيە رايى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

​− پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

پارتىيە رايىنىڭ يۈزلىنىشى خەلق قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 38 سايلام ئورنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا 51 نەپەر پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلىرى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى سۈپىتىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە تولۇق سايلاندى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلىنىشى پۈتۈن پارتىيە ئىرادىسىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى، پارتىيە رايى، خەلق رايىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولۇپ، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ بۇ 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە سايلانغانلىقى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى سىياسىي يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئىستىلى، ئوبرازىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

ئورتاق ئارزۇ: كۈچلۈك يادرو يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى

بۇ، تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان پەيت −

2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، گۇاڭشى خەلق سارىيى زالىدا چىراغ نۇرى چاقناپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، يىغىندا: يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى جاكارلاندى. يىغىن مەيدانىدا بارلىق ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇردى، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

666 ۋەكىل، 666 سايلام بېلىتىگە گۇاڭشىدىكى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن، 57 مىليون گۇاڭشى ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئورتاق ئىرادىسى ۋە قەتئىي غەيرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ 10 يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكى، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيونغا، مۇتەپەككۇرغا، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى، خەلقچىل ھېسسىياتى، رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلدى.

گۇاڭشىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، مىڭ يىلدىن بۇيانقى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىشىشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، مۇھىت بۇلغىنىش تۈپتىن تىزگىنلەندى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى... لىڭنەن تۇپرىقىدىن شىمالىي جۇڭگودىكى قار ماكانىغىچە، غەربىي قىسىمدىكى ئېگىزلىكتىن شەرقىي دېڭىز ساھىلىگىچە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، گۈللەپ ياشنىغان گۈزەل تاغ - دەريالار مەنزىرىسى جۇڭگو زېمىنىدا يېيىلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، گۇاڭشى ئۆلكىسى رۇڭشۇي ناھىيەسى جياڭمېن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ نىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچۈن بىر مۇقەددەس بېلەت تاشلىغان كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، بىز بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئاتلىنىۋاتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى دەۋرنىڭ تاللىشى، تارىخنىڭ تاللىشى، تېخىمۇ مۇھىمى بىز پۇقرالارنىڭ چىن قەلبىدىن تاللىشى».

«غەيرەت قىلايلى، تىرىشايلى، ئۇزۇن سەپەرگە قايتا ئاتلىنايلى!»

2021 - يىلى 4 - ئاي، «14 - بەش يىل» باشلانغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كەنتلەرگە كىرىپ، كارخانىلارغا بېرىپ، ئېكولوگىيەنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى سوراپ، گۇاڭشىدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر گۇاڭشى لېيې ناھىيەسىنىڭ بەينى كەنتىگە يېتىپ باردى، بۇ يەر «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى خۇاڭ ۋېنشيۇ ھايات ۋاقتىدا جەڭ قىلغان جاي.

«خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ يەسلى قۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، كەنتنىڭ شېكەر جۈزىسى، ھۈممەلچاي قاتارلىق كەسىپلىرى تېخىمۇ روناق تاپتى.» «كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان» كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى خۇاڭ شۈ مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پەقەت چىن دىلىمىز بىلەن باش شۇجىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ ماڭساقلا، بىز پۇقرالار چوقۇم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

بىر تور ئەھلى سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق يازدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ قەلبىدىكى «بىرىنچى ۋەكىل»، باش شۇجىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى «خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيىدۇ، خەلق داھىيسىنى خەلق سۆيىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

مەنىسى چوڭقۇر: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى

2017 - يىلى 4 - ئايدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا سايلامغا قاتنىشىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

بەش يىلدىن كېيىن، زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان مۇھىم تۈگۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا سايلامغا قاتنىشىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

سەمىمىي غەمخورلۇق بىلەن غايەت زور ئىلھامنىڭ ئارقىسىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.

2021 - يىلى 11 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرىدىن 52 كىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالاقىدار سايلام ئورۇنلىرىدا سايلامغا قاتناشتى.

روشەن سىياسىي يۆنىلىش تۇرغۇزۇلۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان نۇقتىلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ سايلامغا قاتنىشىپ، رەھبىرىي كادىرلارغا باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياكى باشقا سايلام ئورۇنلىرى خىزمەت كومىتېتى(پارتىيە كومىتېتى)نىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ياكى خىزمەت كومىتېتى (پارتىيە كومىتېتى)نىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان سايلام ئورنىدا سايلامغا قاتنىشىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي يولداشلار ئادەتتە ئالاقىدار مىللىي ئاپتونوم رايونلاردا سايلامغا قاتنىشىدۇ، ئارمىيەدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا سايلامغا قاتنىشىدۇ. باشقا رەھبىرىي يولداشلار پىرىنسىپ جەھەتتە ئەسلىي يۇرتىدا، ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جايدا ياكى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان ئورۇندا سايلامغا قاتناشمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا گەنسۇ، سىچۇەن، شىزاڭ، گۇيجوۋ، ئىچكى موڭغۇل، خەينەن، جياڭسۇدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەلىك باشقا رەھبىرىي يولداشلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئالاقىدار سايلام ئورۇنلىرىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار سايلام ئورۇنلىرىدا ۋەكىل بولۇپ سايلانغانلىقى ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ:

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشقا پايدىلىق؛

خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا پايدىلىق؛

پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئاڭلاپ، يېڭى ئىستىل ۋە ئوبرازنى يەنىمۇ نامايان قىلىشقا پايدىلىق.

كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىدا سايلامغا قاتنىشىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشتەك ئالىيجاناب خىسلىتىنى نامايان قىلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۇلۇغلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭ ساقلاشقا يېتەكلىدى، بۇ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇش: يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان چوڭقۇر غەمخورلۇق بولۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتتى −

گۇاڭشى نەننىڭ شەھىرى لۇڭئەن ناھىيەسىنىڭ نەنشۈ بازىرىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى لىن يۈچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ گۇاڭشىدا سايلامغا قاتناشقانلىقى بىزگە نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆز خىزمىتىمىزنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىمىز.

«پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قەلبىدە بىز چېگرا رايون كىشىلىرى بار، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لوبا مىللىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە گۇۋاھ بولدۇم، بىز لوبا مىللىتى ئاممىسى باش شۇجىدىن، پارتىيەمىزدىن تولىمۇ مىننەتدار» دېدى شىزاڭ مىلىن ناھىيەسى نەنيى لوبا مىللىتى يېزىسى نەنيى كەنتى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ياشيا.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق داھىيسىنى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.» ئىچكى موڭغۇل خۇلۇنبۇير شەھىرى مولداۋا داغۇر ئاپتونوم خوشۇنى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جىنكېلېنار مۇنداق دېدى: «باش شۇجى بىزنى مەڭگۈ يايلاقتىكى <يېنىك جابدۇنغان قىزىل ئويۇن قويۇش ئاتلىق ئەترىتى> بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى، بىز تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا ياقىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئېسىل ئەسەرلەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى ساداسىنى كەڭ يايلاققا تارقىتىمىز».

بۇ، بىر قېتىملىق يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق بولغان ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەلگە خادىسى ۋە ئۈلگە تىكلەپ بەردى −

گەنسۇ لەنجوۋ شەھىرى چېڭگۇەن رايونى بەييىن يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ لەنيى مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىككە بېرىپ سايلامغا قاتنىشىشى ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆمەك مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىشى يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئىزاھلىنىشى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئويلايدىغان، خەلقنى ئويلايدىغان بۇ خىل ھېسسىياتى ۋە ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلقنىڭ غېمىنى يەپ، ئاممىنىڭ جىددىي ئىشى، قىيىن ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بېجىرىشىمىز كېرەك».

«پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يەرلىككە بېرىپ سايلامغا قاتنىشىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا <پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش> توغرىسىدا بىر مەيدان پارتىيە دەرسى ئۆتتى.» مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى، گۇيجوۋ تۇڭرېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋەنشەن رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تيەن يەن مۇنداق دېدى: «بىز <يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان> قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسكىن، ئەستايىدىل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى پارتىيەۋىلىكنى تاۋلايدىغان <چوڭ پېچ>، پارتىيە ئىستىلىنى پاكلاشتۇرىدىغان <تازىلىغۇچ>، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان <ئالتۇن ئاچقۇچ>قا ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

بۇ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن بىر مەيدان ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى −

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش جەريانىنىڭ ئۆزى بىر قېتىملىق چوڭقۇر بولغان ئىدىيە جەھەتتىكى چېنىقىش، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بۇ قېتىمقى سايلامدا <پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى بولغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەدە يادرو بولغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ كۈچ - قۇدرىتى بولىدىغانلىقى>نى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدى.» نەنجىڭ ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پىروفېسسور شۈ چۇەن مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ «ئاممىغا يېقىن» بولغان چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا «دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىرادە باغلاڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. يىل بويى خەينەن سەنيادا شالنى جەنۇبتا كۆپەيتىپ سورت يېتىشتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتچى يۇۋجاۋ مۇنداق بىلدۈردى: «پەن تەتقىقات خىزمىتىنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرىمىز».

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدكە تولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» «بىر قەدەمدە مىڭ يىللىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان» شياۋلياڭشەننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، سىچۇەن لېشەن شەھىرى مابيەن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شۆفېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» لىكې لۇڭلۇڭنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، «يېڭى مۇساپىدە، بىز ياشلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك».

كەڭ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇرچ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.

پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، ھەممە ئىنتىزار بولماقتا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇھىم ئاساس سېلىندى. 52 نەپەر پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پۈتۈن پارتىيەدىكى 96 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋە قارار قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

(مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، دىڭ شياۋشى، خۇاڭ يۆ، گاۋ لېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)